Uyghur主要词典
تاپان ھەققى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا قارىشىپ، ئىشلىشىپ بەرگىنى، كۈتكىنى ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئازغىنا ھەق، پۇل.
«چاي پۇلى» كۆپىنچە سودا - سېتىقتا قوللىنىلىدۇ.
چەت ئەللەردە مېھمانخانا، تاماقخانىلاردا ئىشلەيدىغانلارغا تاپان ھەققى، چاي پۇلى بېرىش ئومۇمىي ئەھۋال ئىكەن. مانا سىزگە تاپان ھەققى، رەھمەت سىزگە، _ دېدى ھاشىم تۇردىغا، چاي پۇلى بەرمەمسەن، شۇ كۈنلەردە بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقامدۇ؟ _ دەپ قول ئۇزاتتى دائىم.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىراۋنىڭ بىرەر ئىشى ئۈچۈن مېڭىشىپ بەرگەن يولى، قىلغان ياردىمى بەدىلىگە بېرىلگەن ئىش ھەققى؛ پۇل: قاسىم جىڭسا كۆزلىرىنى چەڭچەيتىپ: «ياپىر، ئالىدىغىنىمۇ، بېرىدىغىنىمۇ ئاز ئەمەسكەن، ئىشقىلىپ، مېنىڭ تاپان ھەققىم كەم بولمىسۇن» دەپ ئويلىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ بىرەر ئىشى ئۈچۈن مېڭىشىپ بەرگەن يولى، قىلغان ياردىمى بەدىلىگە بېرىلگەن ئىش ھەققى، پۇل.
تاپان ھەققى بەرمەك، تاپان ھەققى ئالماق.