Uyghur主要词典
تانابى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىدە تايكا يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىدىن ئىلگىرىكى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىشلەپچىقىرىش تەشكىلاتى. دۆلەتنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرى، دۆلەت دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دىنىي تەشكىلاتلارغا قاراشلىق ئېتىزلار ۋە ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا مۆھۈرلەپ بېرىلگەن يەرلەر ئاۋام يەرلىرى؛ خانلىق يەرلەر ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەرلىرى خۇسۇسىي يەرلەر دېيىلگەن. بۇ يەرلەرگە تەۋە ئىشلەمچىلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى شۇ يەرلىك ئاھالە ۋە قۇل - چاكارلار، شۇنىڭدەك ياقا يۇرتلاردىن كەلگەن كۆچمەنلەر بولغان. ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس قالغان بولۇپ، قۇللار ۋە قۇل دېھقانلار بولغان. 569-يىلى (كىنېي تېننونىڭ 30-يىلى) شېرايفۇمى بۇيرۇق بويىچە كىبىشىرايغا قاراشلىق يەرلەردە ئىشلەمچىلەرنى تىزىملاشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تايكا يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى دەۋرىدە ئىشلەمچىلەر پۇقرالارغا ئۆزگەرتىلگەن.