Uyghur主要词典
تامغىشۇناسلىق
دۇنيا تارىخى
ئارخېئولوگىيىنىڭ بىر تارمىقى. قەدىمكى دەۋرلەردىكى تامىغلارنىڭ فۇنكسىيىسى، نۇسخىسى، يېزىقى، ئىشلىتىلىش رەسمىيىتى ۋە تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان. تامغىشۇناسلىق تامغا ئويۇش سەنئىتىنى تەتقىق قىلغاندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى كاتىپلىق تۈزۈمى، ئەمەلدارلىق تۈزۈمى ۋە يەر ناملىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىشتا ھەمدە قەدىمكى ھۆججەتلەرنىڭ راست - يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشتىمۇ ياردىمى بار. نۆۋەتتە بايقالغان ئەڭ بالدۇرقى تامغا مىلادىدىن 4300 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن مىلادىدىن 3500 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئۇبەيد مەدەنىيىتى دەۋرىگە مەنسۇپ بولۇپ، تېپىلغان تامغىلار كۆك سېغىز، ھېقىقلاردىن ياسالغان، يۇمىلاق ۋە سىلىندىر شەكىللىك بولۇپ، گېئومېتىرىيىلىك سىزىقچىلار ياكى ھايۋانلار شەكلىنى بىلدۈرىدىغان سىزىقچىلار ئويۇلغان.