Uyghur主要词典
تامغالىق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
كىچىك ئىۋرىق؛ بىر كىشلىك داستىخان.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كىچىك ئىۋرىق.
1 - 682
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىر كىشلىك داستىخان.
ئەسلى « تامغالىغ» بولۇپ، «تامغىلىق، تامغىلانغان» دېمەكتۇر. ئادەتتە پادىشاھلار ئۆزىگە خاس داستخان ۋە ئىۋرىق (كوزا) نى «باشقىلار ئىشلەتمىسۇن» دەپ ئۈستىگە تامغا بېسىپ قويىدۇ، بۇلاردا بىر كىشلىك شاراب ۋە تاماق بولىدۇ. كېيىن ھەر قانداق كىچىك ئىۋرىق ۋە داستىخان « تامغالىق» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ كەتكەن. بۇ «پادىشاھدى باشقا كىشى بۇنىڭ ئۈستىدىكى يېمەكنى يېمەسلىكى ئۈچۈن تامغا بېسىپ قويۇشقا تەييارلانغان داستىخان» دېگەن بولىدۇ. تەلەپپۇز قىلىش ئورنى يېقىن بولغانلىقتىن، سۆز ئاخىرىدىكى «غ _ » ھەرپىنى «ق _ » بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئېيتسىمۇ بولىدۇ.
1 - 682