Uyghur主要词典
تاڭماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىپ، تانا، ئارغامچا قاتارلىقلار بىلەن قاتتىق ئورىماق.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن. بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس، پېتىۋاتقان كۈننى بوغقىلى بولمايدۇ. تۈكۈڭنى تاڭ، تاڭ ئاتقاندا ماڭ. چىرمىغانغا چىدىمىساڭ، چىنەكگە چىدا. بۇ ئاپامنىڭ تۈگكەن تۈگۈچى. قوزىلارنى قوشاقلاپ قوي. چىگىدە چىگكەننى چەدو بىلەن يەش. ئۇ دۈشمەننى ماتاپ تاشلىدى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئادەم، ھايۋان ۋە نەرسىنى يىپ، ئارغامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار بىلەن چاتماق، قاچالماس، چېچىلماس قىلىپ قويماق.
يەشمەك ، بوشاتماق، باغلاق، تۈگەك، چىگىك، تېڭىق
نەرسىلەرنى بوش، ئەركىن قىلماق.
بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس. غۇلىغان تاغنى ئارغامچىدا باغلىغىلى بولماس. ئۆزۈڭ تۈگكەن تۈگۈننى ئۆزۈڭ يەش. باغلىماق ئاسان، يەشمەك تەس. ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي، تىرىك بولسا يارىسىنى. چىگكەن چىگىشنى يەشمەك قىيىن. باغلاقلىق قويلارنى بوشىتىۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئوراپ، يۆگەپ چىگمەك؛ باغلىماق.
ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي، تىرىك بولسا يارىسىنى تاڭاي (ماقال).
كۆچمە. زورلىماق، مەجبۇرلىماق.
ھېكىم شەيخ بالىسىغا خالىمايدىغان ئىشنى تاڭدى.
كۆچمە. باسماق، چاپلىماق.
بوۋاي دائىم <قىزىم بىر توي قىلسا، نەۋرەمنى باغرىمغا تېڭىپ بىر كېچە ئۇخلىۋالسام ...> دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.