Uyghur主要词典
تاڭلاشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاڭ قېلىشتى، ھەيران قېلىشتى.
كىشىلەر بۇ ئىشىغ تاڭلاشدى _ كىشىلەر بۇ ئىشتىن تاڭ قېلىشتى ( تاڭلاشۇر _ تاڭلاشماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۆردى بۇلىت ئىڭراشۇ
ئاقتى ئاقىن مۈڭرەشۈ
قالدى بودۇن تاڭلاشۇ
كۆكرەر تاقى ماڭراشۇر
«بۇلۇت ئىڭرىشىپ ئۆرلىدى،
ئېقىن شارقىشىپ ئاقتى؛
خەلق ھەيران بولۇپ قالدى،
گۈكىرەر، تېخى چاقنىشار.»
يامغۇر تەرىپلىنىپ شۇنداق دېيىلىدۇ: گۈلدۈرلەيدىغان بۇلۇتلار ئۆرلىدى، ئۇنىڭدىن شارقىراپ سەللەر ئاقتى؛ بۇنىڭدىن كىشىلەر تاڭ قېلىشتى، بۇلۇتلار گۈلدۈرلەۋاتىدۇ، چاقماق چېقىۋاتىدۇ.
3 - 543