Uyghur主要词典
تاللاش خاراكتېرىدىكى ئۆستۈرگۈچ
领域: بىئولوگىيەمەلۇم بىر خىل ياكى مەلۇم بىر توپ مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئالاھىدە ئوزۇقلىنىش تەلىپى، ياكى مەلۇم بىر خىل بىرىكىمىگە نىسبەتەن سەزگۈرلۈكنىڭ ئوخىشماسلىقىغا ئاساسەن لايىھىلەنگەن بىر خىل ئۆستۈرگۈچتە مىكرو ئورگانىزمنىڭ مەلۇم تۈرى ياكى مەلۇم توپىغا ئالاھىدە تەسىر قىلىدىغان ماددا بولغاچقا، ئۇنىڭغا تەركىبىدە بۇ خىل مىكرو ئورگانىزم بولغان ئارىلاش مىكرو ئورگانىزم توپىنى كۆچۈرۈپ، مۇۋاپىق مۇھىتتا ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بۇ خىل ئالاھىدە مىكرو ئورگانىزملار ئايرىپ چىقىلىدۇ. مەسىلەن، سېللولۇزا ياكى ئالكاننى كاربون مەنبەسى قىلغان بىر خىل تاللاش خاراكتېرىدىكى ئۆستۈرگۈچنى لايىھىلەپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا سېلۇلوزا پارچىلايدىغان ياكى ئالكاننى پارچىلايدىغان مىكرو ئورگانىزملارنى ئايرىپ چىققىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆستۈرگۈچكە بەلگىلىك قويۇقلۇقترىكى كرىستال ۋىئولېتنى قوشۇش ئارقىلىق كرىستال ۋىئولېتنى قوشۇش ئارقىلىق كرسىتال ۋىئولېتقا سەزگۈر بولمىغان گرام مەنپىي باكتېرىيىنى ئايرىپ چىقارغىلى بولىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。