Uyghur主要词典
تاللاپ تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ
领域: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر«تاللاپ - تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ»بۇ، كۆڭلىگە ھېچنېمە ياقمايدىغان، بىر نەرسىنى كۆپ تاللاپ، ئاسانلىقچە ياراتمايدىغان ئادەملەر ئاخىر ئەرزىمەس، يارامسىز نەرسىلەرگە ئۇچراپ، زىيان تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: - كۈيئوغۇل دېگەننى ئوبدان ئويلاپ، تاللىمىسا بولمايدۇ. قىزىمنى نى - نى يەرلەرگە بەرمىدىم، ئەمدى ئۆتۈپ - تېشىپ ناتونۇش بىر ئادەمگە بېرەمتىم؟ تاللاپ - تاللاپ تازغا، ئۇچراپتۇ دېگەندەك، خەلقىئالەم ئالدىدا قايسى يۈزۈم بىلەن باش كۆتۈرۈپ يۈرىمە؟ دېدى ئاغچىخان زىلەيخانغا.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。