Uyghur←Chinese主要词典
تايلاندتىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى
领域: دۇنيا تارىخى泰国维新运动
tài guó wéi xīn yùn dòng
ئىسلاھاتا ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، سىيام (ھازىرقى تايلاند) پادىشاھى راما Ⅴ تەختتە تۇرغان مەزگىلىدە (1868 ) 1910( ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق بۇرژۇئا ئىسلاھات ھەرىكىتى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: )1( مائارىپ تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىچە مەكتەپ تەسىس قىلىش؛ )2( ھۆكۈمەت مىنستىرلىكلەرنى قۇرۇش، مەسلىھەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛ )3( قانۇن چىقىرىش يولى بىلەن قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش؛ )4( تۆمۈريول، تاشيول ياساش؛ )5( باج تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، كونىچە كۆتۈرە ئالىدىغان باج تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇۇرپ، دۆلەت بېجىنى ھۆكۈمەت يىغىش؛ )6( ئەدلىيە تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەدلىيە ئىختساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش. يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى فېئوداللىق تەپرىقچىلىكنى تۈگىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، دۆلەتنى بىرقەدەر زىچ ئۇيۇشقان ئىقتسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە بۇرژۇئا دۆلىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن شەرت يارىتپ بەرگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。