Uyghur←Chinese主要词典
تايلاند - فرانسىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
泰法战争
tài fǎ zhàn zhēng
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا تايلاندنىڭ فرانسىيە بىلەن قىلغان ئۇرۇشى. 1940-يىل 9-ئايدا، سوڭگرام ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، فرانسىيىنىڭ ۋىشى ھۆكۈمىتىگە ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سىيامنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇق دائىرىسىدە بولغان لائوس بىلەن كامبودژىنىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى تايلاندقا قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى قويغان. تەلەپ رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئۇرۇش قىلغان. 1941-يىلى 1-ئايدا تايلاند ئەسكەرلىرى كامبودژا - لائوس چېگرىسىدىن ئۆتۈپ دەسلەپكى غەلىبىگە ئېرىشكەن. كېيىن سىچاڭ ئارىلىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا، تايلاند فلوتى گۇمران بولغان. ئاخىر ياپونىيە، گېرمانىيىلەرنىڭ بېسىمى بىلەن، ۋىشى ھۆكۈمىتى نائىلاج شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى توكيودا كېلىشىم ئىمزالاپ، لائوسنىڭ غەربىي رايونىنى ۋە كامبودژىنىڭ ۋاتتامباڭ، سىيېمىرېئاپ ۋە سىسو ئۆلكىلىرىنى تايلاندقا بۆلۈپ بەرگەن.