Uyghur主要词典
سىز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئالماش
ئىككىنچى شەخس كىشىلىك ئالماش. «سەن»نىڭ سىپايى تۈرى.
بۇرۇن «سىز» دېيىشەتتۇق، ھازىر «سەن» دېيىشىدىغان بولدۇق. * سىزدە بار قارا ئېشەك، مەندىمۇ بار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
سىزماق، سىزىش. قەلەم ياكى نەرسىلەر بىلەن بىرەر نەرسە ئۈستىدە سىزماق.
سىزىق سىزىق. * رەسىم سىزماق. * ئۇ سىزغان سىزىقتىن چىقمايدۇ.
گەر سىزسا قەلىمىم سىزىقتىن بىر،
چىراغ نۇرىسىز ئۇ چىقىدۇ قىڭغىر.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
سىزماق، سىزىش. سۇ بىرەر جىسمىدىن تېمىپ چىقماق ياكى تېمىپ كىرمەك.
ئۇچتۇرپاندىكى توققۇز بۇلاقتا سۇ تاغدىن سىزىپ چىقىدۇ، كۆلنىڭ سۈيى سىزىپ كېتىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككىنچى شەخس كىشىلىك ئالمىشى. پەقەت كىشىلەرنىڭلا ئالمىشى بولۇپ كېلىدۇ.
«سىز» ئەسلىدە «سەن» نىڭ كۆپلۈكى ئىدى. (مەن _ بىزگە ئوخشاش). ھازىر كۆپلۈك كاتېگورىيىسىدىن چىقىپ، بىرلىكنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ ئومۇمىي ۋە ئورتىچە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. لېكىن جايلار ئارا پەرق
مەن سېنى «سەن» دەپ چاقىرىمەن، شۇنداق چاقىرىشنى ياخشى كۆرىمەن. سۆيىمەن قەۋەتلە قەۋەت، ئەمما دېسەڭمۇ سەن مېنى «سىز». پۇل تاپارغا سەن تۇر، يەپ ياتارغا مەن تۇراي. ئالدىرىماڭ يارەي، سىزگىمۇ بۈگۈن بارەي. سىلىگە بىر باغاق كەپتۇ، _ دېدى خوتۇنى ئېرىغا. ئۆزلە يېقىندىن بۇيان كۆرۈنمەيلىغۇ. سىلىرى تۇرۇپ تۇرسىلا، دادامنى قىچقىراي. ئۆزلىرى قاچان كەللە.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چوڭلارغا ۋە ھۆرمەتلىك كىشىلەرگە قارىتا «سەن» مەنىسىدە ئېيتىلىدىغان سۆز. ئەسلىدە بۇنىڭ مەنىسى «سىلەر» دېگەن بولىدۇ. كىچىكلەرگە قارىتا « سەن» دېيىلىدۇ. ئوغۇزلار بۇ سۆزنى بۇنىڭ تەتۈرىسىچە قوللىنىلىدۇ.
چىگىلچە.
3 - 171
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
كىشىلىك ئالماش Ⅱ شەخس بىرلىك شەكلىنىڭ سىپايە تۈرى، يەنى <سەن> نىڭ سىپايىلىك بىلەن ئېيتىلىشى.