Uyghur主要词典
سىرېنې
دۇنيا تارىخى
شەرقىي شىمالىي ئافرىقىدىكى قەدىمكى شەھەر، سىرېنائىكانىڭ پايتەختى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىلادىدىن 631 يىل ئىلگىرى، يۇنانلىق باتتۇس دېگەن كىشى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ئاپوللونىيە پورتى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون ئىنگلىز مىلى كېلىدۇ، كرېت ئارىلى بىلەن بۇرۇندىنلا بېرىش - كېلىش قىلغان؛ يۇنانلىقلارنىڭ بۇ جايغا ئاھالە كۆچۈرۈشىگە ئەگىشىپ، يۇنان مەدەنىيىتىمۇ تارقالغان. يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن Ⅰ ئەسىرگىچە)دە مىسىرنىڭ پتولېمې خاندانلىقىغا قاراشلىق بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىمغا تەۋە بولغان. بۇ شەھەر شائىر كاللىماكوس، ئاسترونوم ئېراستوسفېن، پەيلاسوپ ئارىستوپان قاتارلىق مەشھۇر زىيالىيلار مەيدانغا كەلگەن. كېيىن بۇ شەھەر خارابىيلىققا ئايلانغان (ھازىرقى لىۋىيە چېگرىسى ئىچىدە). ئارخېئولوگىيىلىك قېزىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ خارابىدىن سۇ يولى، ئىبادەتخانا، تىياتىرخانا قاتارلىق ھەرخىل بىنالار ۋە ئەسۋاب، نەقىش، رەسىم قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرى تېپىلغان بولۇپ، قەدىمكى شىمالىي ئافرىقىنىڭ جەمئىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.