Uyghur主要词典
سۇلتان ئەھمەد جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
«كۆك مەسچىت» مۇ دېيىلىدۇ. بۇ تۈركىيىدىكى مەسچىت بولۇپ، ئىستامبولدىكى مۇقەددەس سۇفىيە چېركاۋىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا. بۇ مەسچىت سۇلتان ئەھمەدخان (1603 - يىلىدىن 1671 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ بۇيرۇقى بويىچە 1609 - يىلىدىن 1616 - يىلىغىچە سېلىنغان. مەسچىتنى مەشھۇر ئارخىتېكتور سىناننىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ئاقا لايىھىلىگەن. ئاساسىي ئىمارەت - چوڭ خانىقانىڭ ئۇزۇنلۇقى 72 مېتىر، كەڭلىكى 64 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى چوڭ گۈمبەزنى تۆت تال ياغاچ تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. خانىقا ئۆگزىسىنىڭ تۆت بۇلۇڭىغا دىئامېتىرى چوڭ گۈمبەزنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ كېلىدىغان تۆت كىچىك گۈمبەز ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خانىقانىڭ ئىچى ئازادە، يورۇق بولۇپ، ئۇ يەردە 35 مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ؛ تۆت تامغا 20 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كۆك، يېشىل رەڭلىك ساپال بىلەن نەقىش ئىشلەنگەنلىكتىن، «كۆك مەسچىت» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر (ياۋروپالىقلار يېشىل مەسچىت دەيدۇ). ئالتە مۇنار سېلىنغان. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئادەتىكى مەسچىتلەرنىڭ 1 ، 2 ، 4 مۇنارى بولۇشىدىن پەرقلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇشۇ ئالتە مۇنارنى سېلىش ئۈچۈن، سۇلتان ئەھمەدخان مەسچىت ھەرامغا 7 - مۇنارنى سالدۇرۇپ بەرگەن ئىكەن.