Uyghur主要词典
سۇلايمان خوجا مۇنارى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
« ئىمىن خوجا مۇنارى » مۇ دېيىلىدۇ. بۇ ئىسلام قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مۇنار بولۇپ، ئورنى تۇرپان شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا. ئىمىن خوجا ( ؟_ 1777 ) ئىسلام دىنىغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ قۇرۇلۇشنى باشلىغان. قۇرۇلۇش 1778 _ يىلى پۈتكۈزۈلگەن. مۇنار يۇمۇلاق تۈۋرۈكسىمان بولۇپ، ئاستىنىڭ دىئامېتىرى 11 مېتىر كېلىدۇ. ئۈستىگە كۆتۈرۈلگەنسېرى قورۇلۇپ بارىدۇ. ئېگىزلىكى 44 مېتىرگە يېتىدۇ. مۇنار ئىچىدە مەركىزىي تۈۋرۈك بولۇپ، تۈۋرۈكنى ئايلاندۇرۇپ پەلەمپەي ياسالغان. شۇ پەلەمپەي بىلەن مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىققىلى بولىدۇ. مۇنارغا ياغاچ ئىشلىتىلمەي، پۈتۈنلەي خىش ئىشلىتىلگەن. مۇنارنىڭ يېنىغا مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدىغان مەسچىت سېلىنغان. مۇنار دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا تاش ئابىدە ئورنىتىلغان. ئابىدىگە مۇنارنىڭ تارىخىغا دائىر ئىشلار ئويۇلغان. بۇ مۇنار ئۆزىگە خاس قويۇق ئۇيغۇر بەدىئىي ئالاھىدىلىكى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا مەشھۇر. مۇنارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلار يىلبويى ئۈزۈلمەيدۇ. ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭلىغان مۇسۇلمان مۇنار يېنىدىكى مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدۇ.