Uyghur主要词典
سۇھرەۋەردىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تەسەۋۋۇپچى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلاتى بولۇپ، Ⅻ ئەسىردە باغداتتا بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭغا تەسەۋۋۇپچى ئۆلىما دىياددىن ئەبۇ نەجىب سۇھرەۋەردى (1097 - 1168) ئاساس سالغان. ئۇنى جىيەن ئوغلى سىھابىددىن ئەبۇ ھەفىس ئۆمەۈر سۇھرەۋەردى (1145 - 1234) تەرەققىي قىلدۇرغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن. دىياددىن ئەبۇ نەجىب ياش ۋاقتىدا سۇھرەۋەردى (پرسىيىنىڭ شىمالىدىكى سۇھرەۋەردى كەنتى) دىن باغداتقا بېرىپ، ھەدىس ۋە فىقھە ئوقۇغان. شەيخ ئەھمەد ئەنسارىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن تەسەۋۋۇپچىلىق يولىغا مېڭىپ، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ ئىستىقامەت قىلىدىغان تۇرمۇشنى باشلىغان ھەمدە تىگرس دەرياسىنىڭ ياقىسىدىكى بۇزۇۋېتىلگەن ئىمارەتنىڭ ئورنىغا زاۋىيە سالغان. نۇرغۇن مۇرىدلار ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغىلى كەلگەن. باغداتتىكى نىزامىيە دارىلفۇنىنىڭ باشلىقى بولۇپ، <مۇرىدلارنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى> ناملىق ئەسەر يازغان. ئۆمەر سۇھرەۋەردى سۇفىيە ۋە شافىئىييەدىكى ئىلاھىيەتشۇناس بولۇپ ياش ۋاقتىدا تاغىسىنىڭ زاۋىيەسىدە ئىستىقامەت قىلدى. لېكىن ئۇ تەركىدۇنيا بولماستىن، بەلكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ناسىر (1180 - يىلىدىن 1225 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولۇپ، خەلىپە بىلەن ئەھدى تۈزگەن. <فۇتۇۋۋە> (ھەققىيانىي ھەرىكەت) نىڭ ئالاقىچى ۋەكىللىكىگە تەيىنلىنىپ، باغداتتا ئۇزۇن تۇردى. خەلىپە ناسىر ئۇنىڭغا خېلى چوڭ رىبات سالدۇرۇپ بەردى. ئەينى چاغدا ئۇ سوپىلارنىڭ داڭلىق ئۇستازى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەقىدىسى شاگىرتلىرى ئارقىلىق كەڭ تارقالدى. جايلاردىكى نۇرغۇن سوپىلار بۇ يەرگە كېلىپ ئىستىقامەت قىلدى. ئۇمۇ دەمەشىق، ھەلەبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەردىكى زاۋىيەلەرگە بېرىپ ۋەز ئېيتتى. 1231 - يىلى مەككىدە سوپى ئىبنى فارىز (1181 - 1135) بىلەن تونۇشۇپ، سوپى تەلىماتىنى تەتقىق قىلدى. ئۇنىڭ <ئەۋارىيف ئەل مەئارىف> ناملىق ئەسىرى بۇ پىرقىنىڭ دەرسلىكى بولۇپ، باشقا پىرقىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. ئۆمۈر سۇھرەۋەردى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوغلى ئىماددىدىن ۋارىسلىق قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلىپ، بىر ئائىلىنىڭ پىرقىسى بولدى. سىھابىددىننىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە شىراز شەيخ نەجبىددىن بۇزقۇش (؟ - 1279) ۋە ئۇنىڭ ۋارىسى زاھىرىددىن ئابدۇرەھماننىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولدى. سىھابىددىننىڭ دىنىي بىلىمى مول بولۇپ تەسەۋۋۇپچىلىققا پىششىق بولغاندىن باشقا، ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلارنى ساقلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا شاگىرتلىرى ۋارىسلىق قىلدى. بۇ پىرقە سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، شافىئىييەنىڭ شەرىئىتىنى يولغا قويدى. شەرىئەت ئىستىقامىتى ئاساسىدا، تەرىقەت ئىبادىتى قىلىشنى، مۇھىم مۇراسىملاردا 100 مىڭ قېتىم زىكر ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ پىرقە تەرەققىي قىلىش داۋامىدا نۇرغۇن تارماقلار پەيدا بولدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇستەقىل پىرقە بولۇپ تەرەققىي قىلدى. ھازىر ئۇلار ئافغانىستاندا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا مەۋجۇت.