Uyghur主要词典
سۇھرەۋەردى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچى پەيلاسوپ. <ئىشراقىيە شەيخى> دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. پرسىيىنىڭ سۇھرەۋەردى دېگەن مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەجىددىن جىبەللىنى ئۇستاز تۇتقان. مەنسۇر ھەللاج ۋە غەززالى ئىدىيىسى ئاساسىدا قەدىمكى گرېك پەلسەپىسى ۋە زاراتوسترا دىنىنىڭ ئەنئەنىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئىشراقىيە تەلىماتىنى ياراتتى. پىرسىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەلەبكىچە ۋائىزلىق قىلىپ، ئەييۇبىيە سۇلالىسىنىڭ ئەمرى مالىك زاھىرنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولدى، ئۇنىڭ پەلسەپىسىگە ۋە تەسەۋۋۇپچىلىق قارىشىغا يەرلىك ئەنئەنىۋى ئۆلىمالار ئۆچ بولدى. ئۆلىمالارغا تايىنىپ ئەھلىسەلىپ قوشۇنىنىڭ شەرققە ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەمىر مالىك زاھىرنىڭ دادىسى سالاھىددىن ئۆلىمالارنىڭ سۆزىگە كىرىپ، 1191 - يىلى سۇھرەۋەردىنى بىدئەتلىك گۇناھى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدى. شۇڭا سۇھرەۋەردى <شېھىت بولغان ئىمام> دەپ ئاتالىدى. بۇ ئادەم 50 پارچىغا يېقىن ئەسەر يازدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە <يورۇقلۇقنىڭ پاراسىتى>، <پەيلاسوپنىڭ ئېتىقادى>، <چۈمۈلىنىڭ تىلى>، <قىزىل ئىدراك>، <جىبرىئىل قانىتىنىڭ مەدھىيىسى>، <يات يەردىكى غەلىتە گەپلەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى مەشھۇر.