Uyghur←Chinese主要词典
سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
西西里奴隶起义
xī xī lǐ nú lì qǐ yì
رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سىتسىلىيە ئارىلىدا پارتلىغان قۇللار قوزغىلىڭى. سىتسىلىيە ئارىلى بىرىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشىدىن كېيىن رىمنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. ئاشلىق كۆپ چىققانلىقتىن <ئاشلىق كانى> دەپ ئاتالغان. ئارالدا قۇللۇق تۈزۈمدىكى چوڭ قورۇقلار بولۇپ، بۇلاردا ئومۇميۈزلۈك ھالدا قۇللار ئىشلىتىلگەن. قۇلدارلارنىڭ قۇللار ئۈستىدىكى رەھىمسىز ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە ئۇلارنى خورلاشلىرى داۋاملىق تۈردە قۇللارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرگە كەلگەندە ئاخىر ئىككى قېتىملىق زور كۆلەملىك قۇللار قوزغىلىڭى پارتلىغان. بىرىنچى قېتىمقىسى (مىلادىدىن ئىلگىرى 138 - 132): سىتسىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېننا شەھىرىدىكى قۇللار ئالدى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مۇشۇ شەھەرنى ئىگىلەپ، سۈرىيىلىك قۇل ئېئۇنۇسنى باشلىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، غەربىي - جەنۇبتىكى ئاگرىگېنت دېگەن يەردە كىچىك ئاسىيالىق قۇل كلېئون باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىمۇ بولۇپ، ئىككى قوشۇن بىرلىشىپ، ئېئۇنۇس خان، كلېئون مۇئاۋىن بولۇپ، <يېڭى سۈرىيە پادىشاھلىقى>نى قۇرۇپ، ئاۋام يىغىنى ۋە <ئاقىل>لاردىن تەركىپ تاپقان مەسلىھەتلىشىش يىغىنى تەسىس قىلغان. قۇلدارلارغا زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇقلىرىنى ۋەيران قىلسىمۇ، لېكىن ئۇششاق دېھقانلارغا قول سالمىغان؛ قۇللار ۋە نامراتلار ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ قوشۇلۇپ، ئېيتشلارغا قارىغاندا ئادىمى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. رىم ئارقا - ئارقىدىن قوشۇن ئەۋەتىپ باستۇرغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولغان. كېيىن كونسۇل روبېرۇنى ئەۋەتىپ، ئېننا شەھىرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، قوزغىلاڭچىلار ئاچ قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئىچىدىن خائىن چىققانلىقى سەۋەبىدىن، ئېننا قولدىن كەتكەن؛ كلېئون جەڭدە ھالاك بولغان، ئېئۇنۇس ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، تۈرمىدە ئۆلگەن. ئىككىنچى قېتىمقىسى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 104 - 101): سىتسىلىيىنىڭ باش ۋالىيسى خىيانەت قىلىپ، قانۇننى بۇزۇپ، قۇللارنى قويۇپ بېرىشنى ئوتتۇرا يولدا توختىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن كېلىپ چىققان. دەسلىپىدە غەربىي - جەنۇب دېڭىز بويىدىكى گېراكلېيە ئەتراپىدىن باشلىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن شىمالدىكى ترىئوكالا شەھىرىنى ئىگىلەپ، سارۋىئۇس (ئۆزىنى <ترىبۇن> دەپ ئاتىغان)نى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە غەربىي دېڭىز بويىدىكى شەھەر لىلىبادا يەنە بىر قۇللار قوشۇنى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاتېنىئون باشچىلىق قىلغان. كېيىنكىسى پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا ماھىر بولۇپ، سارۋىئۇس بىلەن بىرلىشىپ، ئۇنىڭ مۇئاۋىنى بولغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى كەڭ رايوننى ئىگىلەپ، قۇللار ۋە نامراتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ،قوشۇننى 30 مىڭ كىشىگە يەتكۈزگەن. رىم كۆپ قېتىم قوشۇن ئەۋەتىپ باستۇرغان بولسىمۇ مەغلۇپ بولغان. كېيىن يەنە كونسۇل ئاچۇئېرۇنى ئەۋەتىپ ترىئوكالانى زور قوشۇن بىلەن مۇھاسىرە قىلغان. ئىككى باشلىق ئىلگىرى - كېيىن قۇربان بولغان. ئاشلىق تۈگەپ شەھەر قولدىن كېتىپ، زور تۈركۈمدىكى قوزغىلاڭچىلار ئۆلتۈرۈلگەن. ئىككى قېتىملىق سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭى قۇلدارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بېرىپ، رىم جۇمھۇرىيىتىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرگەن ھەمدە شۇ چاغدىكى كىچىك ئاسىيا، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقى قاتارلىق جايلاردىكى قۇللار قوزغىلىڭىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.