Uyghur←Chinese主要词典
سىتسىلىيە قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
西西里起义
xī xī lǐ qǐ yì
سىتسىلىيە ئارىلى خەلقنىڭ ئىسپانىيە بوربون سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش قوزغىلىڭى. ئىككى قېتىملىق ئەڭ مەشھۇر بولغان: (1) 1848 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سىتسىلىيەئارىلىنىڭ مەركىزى پالېرمودا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، بوربون سۇلالىسىنىڭ تۇرۇشلۇق قوشۇنى سىتسىلىيە ئارىلىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، پادىشاھ فېردىناندو Ⅱ ئاساسىي قانۇن جاكارلاشقا مەجبور بولغان. 4 - ئايدا سىتسىلىيە پارلامېنتى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان.ئىتالىيەنىڭ ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فېردىناندو Ⅱ 9 - ئايدا قوشۇن ئەۋەتىپ مېسسىنا شەھىرىنى توپقاتۇتقان. 1849 - يىلى 5 - ئايدا پالېرمونى ئىگىلەپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى قايتىدىن تۇرغۇزغان. (2) 1860 - يىلى 4 - ئاينىڭ باشلىرىدا سىتسىلىيە دېھقانلىرىنىڭ بوربون سۇلالىسىگە قارشى قوزغىلىڭى پارتلاپ، تېزلىك بىلەن پۈتۈن يېزىلارنى قاپلاپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى كۈنسايىن ئەۋج ئالغان. 5 - ئايدا گارىبالدى قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنىنى باشلاپ گېنويەدىن يولغا چىقىپ، سىتسىلىيە ئارىلىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، بوربون سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، ساردىنىيە پادىشاھى ئېممانوئېل Ⅱ نىڭ نامىدا ھاكىمىيەت قۇرغان ھەمدە دېڭىزدىن ئۆتۈپ نېئاپولنى ئازاد قىلغان. ئىككى رايون ساردىنىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇلۇپ، ئىتالىيەنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىرلىككە كېلىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.