Uyghur主要词典
ستېروئىدلار
بىئولوگىيە
<ستېروللار> مۇ دېيىلىدۇ. ئۇ سىكىللىق فېنانترېننىڭ كۆپ ھىدروگېنلىق بىرىكمىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. ئۇنىڭ تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى شۇكى، سترولنىڭ ئۈچىنچى ئورنىدا بىر گىدروكسىل رادىكالى، 17 - ئورنىدا بىر گىدرو كاربون زەنجىر تارمىقى بولىدۇ. ستېرول يادروسىدىكى گىدوكسىل رادىكالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، يەنە ستېروللار ۋە ستېرول تۇغۇندىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. تەبىئەتتە كەڭ كۆلەمدە تارقالغان، مەسىلەن، خولېستېرول، ئېرگوستېرول، ۋىتامىن D ۋە ئانىلىق، ئاتىلىق گورمونلىرى، بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق قىسىم گورمونى بىرىنچى تۈردىكىلەرگە مەنسۇپ، ئۆت كىسلاتاسى (خولىك ئاتسىد)، يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى گلۇكوزىد، چارپاقا زەھىرى، ساپونىن قاتارلىقلار ستېرول تۇغۇندىلىرىغا مەنسۇپ بولىدۇ. ئۇلار مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسيىگە ئىگە، ئۆت كىسلاتاسى ياكى ئۆت سۇيۇقلۇقى كىسلاتا تۇزى ئۈچەيدىكى ياغلار، خولېستېرول ۋە ياغدا ئېرىگۈچى ۋىتامىنلارنىڭ ياخشى ئېمۇلسىيىلەشتۈرگۈچىسى، ئۇ يەنە لىپازىنى ئاكتىپلاشتۇرالايدۇ. تېرە ۋە تۈكلەردىكى 7 - دې گىدرو خولېستېرول كۈن نۇرى ياكى بىنەپشە نۇر چۈشكەندىن كېيىن ۋىتامىن D 3 كە ئايلىنىدۇ، ئوزۇقلۇقلار بىلەن ئىستېمال قىلىنغان خولېستېروللار، ستېروللۇق گورمونلارغا ياكى ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىدۇ. خولېستېرول كلىنىكا بىئوخىمىيىسىنىڭ بىر كۆرسەتكۈچى، مەسىلەن، توسۇلۇش خاراكتېرلىك سېرىق چۈشۈشتە خولېستېرول يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. تاجىسىمان قان تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى ۋە بۇتقىسىمان قان تومۇر قېتىش كېسىلىدە خولېستېرول قاتارلىق ياغسىمان ماددىلارنىڭ چۆكۈپ قېلىشىدىن بۇتقىسىمان داغ ھاسىل قىلىدۇ