Uyghur主要词典
ستېروئىد گورمونلار
بىئولوگىيە
بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل ھاسىل قىلىش ۋە جىنىسىي ئايرىمىسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل ستېرول تۈرىدىكى بىرىكمە گورمون. بۇ گورموننىڭ زور كۆپ ساندىكىسىدە 29 - 27 دانە كاربون ئاتومى ۋە α، β تويۇنمىغان كاربونىل رادىكالى ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ئېكدىستېروننى بۇ تۈردىكى بىرىكمىلەرگە ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ، ھازىر ئۇزۇن كۈنلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېچەكلىشى گىببېرېللىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇم. ستېروئىدا گورمونلار بولسا، قىسقا كۈنلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يورۇقلۇق بولمىغان شارائىتتا چېچەكلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ تۈردىكى گورمونلار ئىچىدىكى ئانىلىق گورمونى گىببېرېللىنگە ئوخشاش كاسىنەنىڭ چېچەكلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ستېروئىد گورمونلارنىڭ ئۆسۈملۈك گۈلىنىڭ جىنىسىي ئايرىمىسىنىڭ ئىپادىلىنىشىدە تەڭشەش تەسىرى بارلىقى سېزىلدى. مەسىلەن، ستېروئىد تۈرىدىكى ئانىلىق گورمون پروگېستېرون تەرخەمەك تۈرىىدكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق گۈل سانىنى كۆپەيتىدۇ، ئاتىلىق گورمون (تېستىسترون) بولسا ئاتىلىق گۈلىنىڭ سانىنى كۆپەيتىدۇ كىشىلەر بۇ تۈردىكى گورمونلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ.
بىئولوگىيە
تەركىبىدە سىكلوپېنتا نوپېرىدرو فېنانترېنلىق ئاساسىي خىمىيىۋى كونسترۇكسىيىگە ئىگە بولغان بىر خىل گورمونلارنىڭ ھەممىسى سېتروئىد گورمونلار دېيىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى كاربون ئاتوم سانىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۈچ چوڭ تۈرەە بۆلۈنىدۇ؛ (1) 21 كاربون ئاتوملۇق پرېگناننى ئاساسىي كونسترۇكسىيە قىلغان ستېروئىد گورمونلاردىن بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددىسى ئاجراتقان مىنېرالوكورتىكوستېروئىدلار (ئالدوستېرون قاتارلىق) ۋە گلۇكو كورتنىكوستېروئىدلار (كورتىزول قاتارلىق) شۇنىڭدەك تۇخۇمدان ئاجراتقان پروگېستىن مەسىلەن، پروگېستېرون قاتارلىقلار بار؛ (2) 19 كاربونلۇق ئاتوملۇق ئاندىروستاننى ئاساسىي كونسترۇكسىيە قىلغان ستېروئىد گورمونلاردىن ئۇرۇقدان ئاجراتقان ئاندروگېن مەسىلەن، تېستوستېرون قاتارلىقلار بار؛ (3) 18 كاربون ئاتوملۇق ئوئېستراننى ئاساسىي كونسترۇكسىيە قىلغان ستېروئىد گورمونلاردىن تۇخۇمدان ئاجراتقان ئېسترىن (ئېستروگېن) مەسىلەن، ئېسترادىئول قاتارلىقلار بار. بۇ ستېروئىد گورمونلارنىڭ ھەممىسى 27 كاربون ئاتوملىق خولېستېرىندىن كەلگەن بولۇپ، خولېستېرىن ئالدى بىلەن 21 كاربونلۇق پروگېستېرونغا ئۆزگىرىدۇ، ئاندىن پروگېستېروندىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا باشقا گورمونلار ھاسىل قىلىنىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ستېروئىد گورمونلىرى بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددىسى، جىنسىي بەزلەر ۋە بالا ھەمراھىدىن ئاجرىلىدۇ.