Uyghur主要词典
سىرتىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم، نەرسە ياكى ۋەقە _ ھادىسە توغرىسىدىكى مەلۇمات.
خەۋەر ھېچ ۋاقىت بولمايدۇ ئاياندەك، گۇمان يولىماس كۆڭۈلگە چىن راۋاندەك. ئادەمدە تەۋەززۇ ئەقىلدىن دېرەك، ئۇلۇغلۇق ھىممەتتىن تاپىدۇ بېزەك. ھازىرقى زامان ئۇچۇر زامانى، ئۇچۇر ئالماي ئىش قىلماق تەس.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
خەۋەر، ئۇچۇر، ئىز _ دېرەك. مەسىلەن: بالام يۇرتتىن چىقىپ كەتكىلى بەش يىل بولدى، ھېچ سىرتىقىنى ئالالمىدىم.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سىرتىدىكى مەلۇم بىر ئادەم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇچۇر، خەۋەر، ئىز - دېرەك.
ئۇنىڭ تېخىچە سىرتىقى يوق تۇرىدۇ.