Uyghur主要词典
سىرتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىلقىچىلىق سايمانلىرى، ئات تۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ:
«سالما»، «چالما» مەخسۇس ئارغامچىنىڭ ئۇچىنى ئىلمەك قىلىپ، ئاتقا ئارتىدۇ، ئىلمەك ئاتنىڭ بوينىغا چۈشسە، ئات تۇتۇلىدۇ.
«قۇرۇق»، «سويلا»، «سىرتماق» مەخسۇس ياغاچنىڭ ئۇچىغا سىرتماق يىپ باغلاپ ياسىلىدۇ.
«ئ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياۋايى ھايۋانلار،ئۇچار قاتلار ۋە سۇ ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمانلار. كىنايە مەنىسىدە ھىيلە - مىكىر يولى بىلەن ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قارىتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇ كېيىنكى مەنىدە.
قېرى تۈلكە قاپقانغا چۈشمەس. بىراۋنى قەستلەپ ئورا قازغان ئىنسان، ئاقىۋەت ئۆزىگە قۇرار قاپقان. قۇشقاچقا قۇرغان تۇزاققا لاچىن چۈشمەس. دۈشمەن كۈلىدۇ. ئارقىدىن تاپان - تۇزاق قۇرىدۇ. ساڭا قىسماق قۇرغانغا باسماق قۇر. ئەقىللىق يىگىت ھارامزادىنىڭ تورىغا چۈشمەس. باشقىغا ئورا قازساڭ، ئۆز بويۇڭغا ئۆلچەپ قاز. گۈلدەستىنىڭ كەينىدىن بىللە كېلىدىغىنى سىرتماق. بىر قېتىم دامغا چۈشكەن بىر ئەقىل تاپار. قىلسا تۈگىمەيدىغان ئىش يوق، قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش يوق. بېلىق قارماقنى كۆرمەس، يەمچۈكنى كۆرەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئارغامچا ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئۇچ تەرىپىدىن يۇمىلاق ھەم سىيرىلىدىغان قىلىپ چىگىپ تەييارلانغان، مەلۇم بىر نەرسە ھالقا ئىچىگە كىرگەندە، يەنە بىر ئۇچىدىن تارتسا، شۇ نەرسە بوغۇلۇپ قالىدىغان قۇرۇلما.
كۆچمە. تۇزاق، يامان نىيەت، يامان مەقسەت بىلەن كولانغان ئورا.
مەخسۇت بەگ بۇ سىرتماققا چۈشۈرۈۋالدىمۇ - بولدى!
كۆچمە. ئاسارەت، ئىسكەنجە، زۇلۇم.
مۇستەملىكىچىلىك سىرتمىقى ئۇلارنى مىدىرلىيالماس قىلىپ قويدى.