Uyghur主要词典
سىرھىندىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندىستاندىكى ئىلمى تەۋھىد ئېقىمى بولۇپ، بۇ ئېقىمنى ھىندىستانلىق مەشھۇر ئۆلىما ئەھمەد سىر ھىندى (1563 - 4162) بەرپا قىلغان. بۇ ئۆلىما ھىندىستاندىكى سىرھىندى بولغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. <ئىمام رەببانى> دەپ داڭق چىقىرىپ، ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ ئاتىغان. ياش ۋاقتىدا سىئالكوتتا تەسەۋۋۇپچى ئۇستاز مۆئىنىددىن چېشتى، سۇھرەۋەردىيەدە ۋە قەدرىيە مەزھىپىدە تەربىيە ئالغان، كېيىن دېھلىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ، ئاخىر نەقشىبەندىيە پرقىسىنى تاللىۋېلىپ، بۇ پىرقىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولغان. دېھلىدىن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەكتەپ ئېچىپ شاگىرت تەربىيىلىگەن ھەمدە كىتاب يېزىپ، سىرھىندىيەنى بەرپا قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، موغۇل ئىمپېراتۇرى ئەكبەر تەشەببۇس قىلغان <بىدئەت تەلىمات> ئەنئەنىۋى ئېتىقادنى خارابلاشتۇرغان. ئەكبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئېلان قىلغان خېتىدە ئەكبەرگە ئەگىتمەي ھۇجۇم قىلغان. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىنى كاپىرلار زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلغان <چىرىك دەۋر> دېگەن. ئەكبەرنىڭ ئىز باسارى ئىمپېراتۇر جاھانگىرخان (1605 - 1627) دىن <ئىسلام دىنىنى قىلىچ بىلەن جارى قىلدۇرۇش> نى ئۆتۈندى. سىرھىندى ھىندىستاندا ئەنئەنىۋى ئېتىقادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئەسەرلىرىدە تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى ۋە ئەقىدىسىنى يېڭىچە شەرھىلەپ، تەسەۋۋۇپ مىستىتىزمى بىلەن شەرىئەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشتى ھەمدە تەسەۋۋۇپچىلارنى سۈننىي مەزھىپىگە كىرگۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شەرىئەت ھەممە كىتابلارنى، ھەم بۇ دۇنيالىق، ئاخىرەتلىك ھەممە چىنلىقلارنى ۋە مۇمكىنچىلىكىلەرنى، ھەم تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ سىرلىق قەلب تەسىراتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ شەرىئەت <زاھىر> ۋە <باتىن> دىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى زاھىر مەنىسى قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىپ، ئادەتتىكى ئۆلىمالارنىڭ بىلىم ساھەسىگە مەنسۇپ بولىدۇ. ئىچكى باتىن مەنىسىنى قەلب تەسىراتى ئاقىلىق چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئۇ يۇقىرى بىلىملىك ئۆلىمالارنىڭ بىلىم ساھەسىگە مەنسۇپ بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئسىلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئۇستازىدىن يۇقىرى تۇرغانىكەن، پەيغەمبەرنىڭ يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلغان ئىسلام ئۆلىمالىرىمۇ ئۇستازنىڭ يېتەكلىشىنى قوبۇل قىلغان تەسەۋۋۇپچىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك. شۇڭا تەسەۋۋۇپچىلار ئىسلام ئۆلىمالىرىغا يېقىنلىشىشى كېرەك. تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ پەلسەپىسىدىكى تۈپ زات بىلەن ھادىسىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسلىسىنى سىرھىندى يېڭىچە ئىزاھلىدى. ھىندىستاندىكى تەسەۋۋۇپچىلار ئىبنى ئەرەبنىڭ <ۋەھدە ئەل ۋۇجۇد> پەلسەپىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. بۇ تەلىمات بويىچە، ئالەمدىكى مەۋجۇداتلار ئىچىدە بىر ئاللا چىندۇر، قالغانلارنىڭ ھەممىسى چىن ئەمەس، ئۇلار <ئاللا نۇرى> نىڭ <چاقنىشى> ۋە <ئىپادىسى> دىن ئىبارەت. بۇنىڭ قىسقىچە تەبىرى مۇنداق: <ئاللا - ھەممە دېمەكتۇر. ھەممە - ئاللا دېمەكتۇر> سىر ھىندى مۇنداق دەپ قارايدۇ: <ۋەھدەئەل ۋۇجۇد> پان ئىلاھچىلىق خاھىشىغا ئىگە بولۇپ، دىنىي ئىدراكقا ماس كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ۋەھدەھ ئەل شۇھۇدنى قويۇش كېرەك؛ ئاللانىڭ زاتى، سۈپىتى ۋە يارىتىشى يالغۇز مۇتلەق چىندۇر. ئالەمدىكى مەۋجۇداتلار <يارىتىلغان ماددا> بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاللا ئىرادىسىنىڭ <ئىنكاسى> دۇركى، ئاللا زاتىنىڭ بىر قىسمى ئەمەس. ئاپىرىدە قىلىنغۇچى ئىنساننىڭ پەزىلىتى ۋە ھەرىكىتىنى ئاللانىڭ پەزىلىتى ۋە ھەرىكىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. <ۋىسالۇل ھەقق> تىن تېخىمۇي ئېغىز ئاچىقىلى بولمايدۇ. توغرا چۈشەندۈرۈش <ئاللا - ھەممە دېمەكتۇر> ئەمەس، بەلكى <ھەممە نەرسە ئاللانى مەنبە قىلغان> دېيىشتىن ئىبارەت. <ۋەھدەھ ئەل شۇھۇد> ئېتىقادنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسىنى قايتىدىن بېكىتىپ، تەسەۋۋۇپ ئېتىقادچىلىرى بىلەن ئاللانىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنى يارىتىلغۇچى بىلەن ياراتقۇچى، سۆيگۈچى بىلەن سۆيۈلگۈچى، يېتەكلەنگۈچى بىلەن يېتەكلىگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى قورقۇش، سۆيۈش، بويسۇنۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى. سىرھىندىيە ئېقىمى ۋائىزلىق قىلىش ۋە ئەسەر يېزىش ئارقىلىق، دىنىي قائىدىدە سۈننىي مەزھىپىدىكى ئۆلىمالارنىڭ يېتەكچى ئورنىنى تىكلەپ، ھىندىستاندىكى سۇفىيە دىنىي پىرقىسى بىلەن سۈننىي مەزھىپىنىڭ يارىشىشىغا ئاساس سالدى. ئۇ باشلىغان ئىدىيىۋى ئەنئەنە ۋەلى ئەللا، سەييىد ئەھمەدخان، مۇھەممەد ئىقبال قاتارلىق ئۆلىمالارغا كەڭ تەسىر كۆرسەتتى. ئەھمەد سىرھىندى كېيىن ئىسلام دىنىدىكى <مۇجەددىد ئەلف سانى> (ئىككىنچى مىڭ يىللىق مۇجەددىد) دەپ ھۆرمەتلەندى. ئۇنىڭ ئېقىمى <گۈللەنگەن نەقشبەندىيە> دەپ ئاتالدى. سىرھىندىيە جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىغىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. ئۇيغۇر تەسەۋۋۇپ مەزھىپى ۋە خۇيزۇ سۈلۈكىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلدى. سىرھىندىيەنى مەنبە قىلغان جۇڭگودىكى مەزھەپ 10 دىن ئېشىپ، شىنجاڭ، نىڭشا، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. بۇ تەلىماتنىڭ جۇڭگوغا كىرىشى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى 1 - باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. چەنلۇڭنىڭ 24 - يىلى (1759) شىنجاڭدىكى چوڭ - كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭى تىنچىتىلىپ، ئاق تاغلىق، قارا تاغلىقلارنىڭ كۈچى ئاجىزلاشتۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىرھىندىيە شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. ھەممىدىن بۇرۇن يەكەنگە ۋە ئايىنكۆل (ئاقسۇنىڭ جەنۇبىغا 60 كىلومېتىر كېلىدۇ) گە ئىككى قىسىم ئادەم كىردى. بۇلارغا شاھ ئەۋلىيا ۋە قارى ئەقىدلەر باشچىلىق قىلدى. ئۇلار ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇلار ئىچىدە شاگىرت يېتىشتۈردى. كېيىن بۇ شاگىرتلار ئۆز ئالدىغا چوڭ - كىچىك تارماق مەزھەپلەرنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇرپان ۋە ئىلىدىكى نەقشبەندىيە يەكەن تارماق مەزھىپىگە مەنسۇپ بولدى؛ خۇيزۇلار ئىچىدە تۇرپاندىكى دۇڭداۋتاڭ، ئۈرۈمچى لۇساۋگۇدىكى خۇفىيە سۈلۈكى ۋە ئەنتۇ سۈلۈكى قاتارلىقلار پەيدا بولدى. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرى 2 - باسقۇچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقانلىق ياقۇببەگ 1865 - يىلى شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئىسلام دىنىغا تايىنىپ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلىدى. تەسەۋۋۇپچىلارنى قوللاش سىياسىتىنى قوللاندى. بۇ چاغدا چاررۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيادا شەرققە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتاتتى. نەقشبەندىيە سىرھىندىيە ئېقىمىدىكى تەبلىغاتچىلار ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قېچىپ شىنجاڭغا كەلدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نەقىشبەندىيەنىڭ باشلىقى مەزۇبنىڭ شاگىرتلىرى ئىدى. ئۇلار شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن مۇخلىس قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭدىكى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ كۆپ سانلىقىنى شەكىللەندۈردى. مەسلەن، يەكەندىكى موللا نىياز ئىشان، قەشقەردىكى ئىقايەت ئىشان ۋە قاسىم ئىشان، خوتەندىكى سوپا نىياز خەلىپ قاتارلىق ئاشىقلار مۇشۇ دەۋردە شەكىللەندى. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى نەقىشبەندىيە پىرقىسىنىڭ سىرھىندىيە ئېقىمىدىكى ئاز سانلىق تەبلىغاتچىلار ئۆز بېكىستاندىن شىنجاڭغا كەلدى. يەكەندىكى ئابدۇللا تۆرە ۋە ئايۇبلار مەشھۇر كىشلەردۇر. ئايۇب يەكەن ناھىيىسىنىڭ خانئېرىق يېزىسىدا شاگىرت توپلاپ دەرس ئۆتۈپ، 1940 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا 40 نەچچە خەلىپىنى دىنىي تەرغىباتقا ئەۋەتتى ھەمدە <سوپىزم سىرىنىڭ مەنبەسى> ناملىق ئەسەر يېزىپ مۇخلىسلىرى ئىچىدە تارقاتتى. سىرھىندىيەنىڭ <مەكتۇبات> ناملىق ئەسىرىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ تەسىرى شۇ ئېقىمنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. مەسلەن، جۇڭگودىكى ئىخۋانىيەنى قۇرغۇچى ماۋەنفۇ <مەكتۇبات> نى چوڭقۇر تەتقىق قىلدى. قومۇلدا دەرس ئۆتكەندە <مەكتۇبات> نى دەرسلىكلەرنىڭ بىرى قىلدى.