Uyghur主要词典
سىرھىندى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئەھمەد فەرۇقى سىرھىندى، 1564 - 1624) ئىسلام ئۆلىماسى. ھىندىستاندا ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى. <مۇجەددىد ئەلف سانى> (ئىككىنچى مىڭ يىللى يېڭىلىغۇچى) نامى بىلەن مەشھۇر، سىرھىندىدا دۇنياغا كەلگەن. ياش چاغلىرىدا ئەنئەنىۋى دىنىي تەربىيە ئالدى. ھەدىس، تەپسىر ۋە فىقھەنى تەتقىق قىلدى ھەمدە سوپىلىق ئىستىقامەتتە يۇقىرى پەللىگە يەتتى. ھاياتىنى پاك ئىسلام ئېتىقادىغا بېغىشلىدى. ئەكبەر ئىمپېرىيىسى يولغا قويغان مۇرەسسەچىلىك ئەقىدىسىگە ۋە پان ئىلاھچىلىققا كەسكىن قارشى تۇردى ھەمدە ئەل ئىچىدە ئەنئەنىچى سوپىلارنىڭ نەقىشبەندىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. پەلسەپىدە <ۋەھدە ئەل ۋۇجۇد> تىن <ۋەھدە ئەل شۇھۇد> قا بۇرۇلۇپ، ۋەھىي فىقھە ئارقىلىق بىلىمگە ئىگە بولۇشنى تەكىتلىدى. لېكىن، دۇئا - تىلاۋەتتە ئاللا بىلەن قوشۇلۇپ كېتىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ يازغان <ئىمام رەببانىنىڭ مەكتۇپلىرى> جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا <مەكتۇبات> دەپ ئاتالدى. بۇنىڭدىن باشقا، سىرھىند <بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيا>، <باقى بىللا شېئىرلىرىغا ئىزاھات> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى. ئۇنىڭ شاگىرتى 18 - ئەسىردە جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونىغا كېلىپ، <يېڭىلانغان نەقىشبەندىيە> تەلىماتىنى تارقىتىپ <ئايىنكو سىستېمىسى> ۋە <شادۇڭ سىستېمىسى> نى شەكىللەندۈردى.