Uyghur主要词典
سېراتوپتېرىس پاپوروتنىكى
بىئولوگىيە
سېراتوپتېرىس پاپوروتنىكى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. بىر يىللىق سۇدا ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى 30 - 40 سانتىمېتر، يېشىل، كۆپ شىرنىلىق. يىلتىزسىمان غولى قىسقا بولۇپ، تىك ئۆسىدۇ. چاچما يىلتىزى ئارقىلىق پاتقاققا مۇقىملىشىدۇ. يوپۇرمىقى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، ۋېگېتاتىۋلىق يوپۇرماق بىلەن سپورىلىق يوپۇرماققا بۆلۈنىدۇ، ئالدىنقىسى تىك ياكى يۇمران ۋاقتىدا لەيلەپ ئۆسىدۇ، تار ئېللىپىسسىمان بولىدۇ، 2 - 4 قايتىلىنىپ پەيسىمان يېرىلىدۇ. قايتىلانمىغانلىرى تۆمۈنسىمان ياكى ئېللىپىس شەكىللىك تۆمۈنسىمان بولىدۇ. سپورىلىق يوپۇرماق بىر ئاز چوڭ بولۇپ، ئېللىپىسسىمان ياكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق تۇخۇمسىمان بولىدۇ، 2 - 3 قېتىم قايتىلىنىپ پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلىدۇ؛ قايتىلىنىپ يېرىلمىغانلىرى چىۋىق شەكىللىك مۈڭگۈز مېۋسىمان بولىدۇ. سپورا خالتىسى يوپۇرماق تومۇر تورىنى بويلاپ شالاڭ ئۆسىدۇ، يۇمران ۋاقتىدا ئىچىگە قايرىلغان يوپۇرماق گىرۋىكى يېپىپ تۇرىدۇ، پىشقاندىن كېيىن ئازراق ئېچىلىدۇ. جياڭسۇ، جېجىياڭ، فۇجيەن، تەيۋەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، سچۇەن، خۇبېي ۋە ئەنخۇيلارغا تارقىلىدۇ. كۆلچەك، سۇلۇق ئېتىز ياكى ئېرىقتا ئۆسىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىنى ئىستېمال قىلىشقىمۇ دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. يۇمران يوپۇرمىقى كۆكتات قىلىنىدۇ، بوۋاسىر ۋە جاراھەتنى داۋالاشتا ئۆسۈملۈك دورىسى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ، قاننى تارقىتىپ زەھەر قايتۇرىدۇ.