Uyghur主要词典
سېدان تەسلىمى
دۇنيا تارىخى
1870 - 1871 - يىللاردىكى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسى ئاساسىي كۈچىنىڭ بىرقېتىملىق تەسلىمى. پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، فرانسىيە ئارمىيىسى ئارقا - ئارقىدىن پاجىئەلىك ھالدا مەغلۇپ بولۇپ، پرۇسسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىككى بۆلەككە بۆلۈۋېتىلگەن. 1870 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ناپولېئون Ⅲ بىلەن مارشال مىكماخون قوماندانلىقىدىكى قىسىم شەرقىي شىمال يۆنىلىشكە قاراپ سىلجىپ، مېتىس قورغىنىدا قورشاۋداقالغان بازان (1181 - 1888)نىڭ قىسىملىرى بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان. 29 - 31 - كۈنلىرى توسىلىپ قېلىپ، 120 مىڭ فرانسىيە ئەسكىرى 200 مىڭ پرۇسسىيە ئەسكىرى تەرىپىدىن سېدان (فرانسيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا)دا مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغان. 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى فرانسىيە قوشۇنى مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقماقچى بولغاندا مەغلۇبولۇپ، ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان، مىكماخونيارىدار بولغان. ناپولېئون Ⅲ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تەسلىم بولۇشنى قارار قىلغان. ئىككىنچى كۈنى، فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىدىن 83 مىڭ كىشى كورۇل بىلەن بىللە ئەسىرگە چۈشكەن. تەسلىم بولغانلىق خەۋىرى پارىژغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى پارىژدا ئىنقىلاب پارتلاپ، ئىككىنچى ئىمپرىيە ئاغدۇرلغان (<فرانسىيە سېنتەبر ئىنقىلابى>غا قارالسۇن).