Uyghur主要词典
سوتسىيال پروگرېسسېۋ پارتىيىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
لىۋان دروزىيە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي پارتىيىسى بولۇپ، 1949 - يىلى 5 - ئايدا قۇرۇلدى. سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى، ئارمىيىنى قايتىدىن قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، مەزھەپلەر ھوقۇقنى بۆلۈۋېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا قارشى تۇردى. لىۋان بىلەن سۈرىيىنىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋىتىنى تەكىتلىدى. 1980 - يىلى خەلقئارا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشتى. خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپقان قوراللىق كۈچكە ئىگە.