Uyghur主要词典
سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
ئەنگىلىيە 19 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى بارلىققا كەلگەن، سوتسىيالىستىك خاھىشقا ئىگە سىياسىي تەشكىلات. بۇ تەشكىلاتنىڭ تەكتى 1881 - يىلى قۇرۇلغان دېموكراتلار ئىتتىپاقى بولۇپ، ئۇنىڭ يولباشچىسى - ئىسلاھاتچى ھايندمان. 1884 - يىلى ۋىليام مورېس باشچىلىقىدىكى سول قاناتلار جۈملىدىن ماركسنىڭ قىزى ئىلېئانورا (1855 - 1898 ۋە ئىۋېلنىگ قاتارلىك كىشىلەر) بۇ تەشكىلاتتىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، مەزكۇر نامنى رەسمىي قوللانغان. 1907 - يىلى ئىشچىلار ھەرىكىتى ئۆرلىگەن ئەھۋال ئاستىدا، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن، كېيىن يەنە 1911 - يىلى ئەنگىلىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بولۇپ شەكىللەنگەن.