Uyghur←Chinese主要词典
سوتسىيال دېموكراتىزم
دۇنيا تارىخى
社会民主主义
shè huì mín zhǔ zhǔ yì
ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ياۋرۇپا، ئامېرىكىدىكى بەزى دۆلەتلەردىكى سوتسىيالىستلار پارتىيىلىرى نامىنى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى دەپ بېكىتكەن، ئەزالىرى ئۆزلىرىنى سوتسىيال دېموكراتلار دەپ ئاتىغان. ماركس، ئېنگېلس <سوتسىيال دېموكراتىزم> دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىلمىي جەھەتتە توغرا ئەمەسلىكىنى كۆپ قېتىم كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بىراق ئەينى زاماندىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىلىرى ئىلمىي سوتسىيالىزمنى ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى قىلغانلىقى ئۈچۈن <سوتسىيال دېموكراتىزم> ئادەتتە ئىلمىي سوتسىيالىزمنى كۆرسەتكەن.ⅩⅩئەسىرنىڭ باشلىرى، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەللەردىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىلىرىدە ئاغمىچىلىق ئىدىيىۋى ئېقىمى ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىۋالغان، ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى تەشەببۇس قىلغۇچى پرلېتارىيات پارتىيىسىدىن ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغۇچى بۇرژۇئا پارتىيىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. شۇ سەۋەپتىن <سوتسىيال دېموكراتىزم> دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئاغمىچىلىقنىڭ باشقىچە ئاتىلىشىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار، بۇرژۇئا دېموكراتىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، سىنىپىي مۇرەسسەچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان، كاپىتالىزم <تىنچ ھالدا> سوتسىيالىزمغا <ئۆسۈپ كىرىدۇ> دېگەننى تەرغىپ قىلىپ پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان، بۇلار ھەرقايسى ئەل ئوڭ قانات سوتسيال پارتىيىلىرنىڭ نەزىرىيە ۋە سىياسىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلگەن.