Uyghur←Chinese主要词典
سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى
ئۇنىۋېرسال
shè huì mín zhǔ dǎng
社会民主党
دۇنيا تارىخى
社会民主党
shè huì mín zhǔ dǎng
<سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى>، <سوتسىيالىستلار پارتىيسى> دەپ ئاتىلىدىغانلىرىمۇ بار. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشى ۋە ماركسزمنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا - ئامېرىكىدىكى بەزى دۆلەتلەر ئارقا - ئارقىدىن پرولېتارىيات پارتىيىسى قۇرۇلغان. ئۇلار، پارتىيە زىممىسىگە ئالغان دېموكراتىك ئىنقىلاب ۋەزىپىسى بىلەن سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋەزىپىسىنىڭ زىچ ئالاقىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئادەتتە ئۆزلىرىنى <سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى> دەپ ئاتىغان. گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيسى ئەڭ دەسلەپ (1869 - يىل ) قۇرۇلغان. كېيىن دانىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە، ئىسپانىيە، بېلگىيە، ئىتالىيە، پولشا، ئەنگىلىيە،نورۋىگىيە، ئاۋسترىيە، شۋېتسارىيە، شۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەردە ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلغان. روسىيە مۇساپىرلىرىمۇ جەنۋەدە ماركسزمنى تەشۋىق قىلغۇچى تەشكىلات - <ئەمگەكنى ئازاد قىلىش جەمئىيتى>نى قۇرغان. ھەرقايسى ئەل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىلىرى 1889 - يىلى ئېنگېلسنىڭ رەھبەرلىكى ۋەتەشكىللىشى بىلەن بىرلىشىپ ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنى قۇرغان. ئۇ، دەسلەپكى مەزگىلىدە خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتى تەرەققىياتىدا ئاكتىپ ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. كېيىن، ئاغمىچىلىق پىكىر ئېقىمىنىڭ ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدا ئۆسۈپ بېرىشى تۈپەيلىدىن، روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلارپارتىيسى (بولشېۋىكلار)نى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپ سانلىق دۆلەتلەردىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىلىرى ئاينىپ بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق پارتىيىلىرىگە ئايلىنىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى گۇماشتىلرى بولۇپ قالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىا، ئۇلار ئۆز دۆلىتىدىكى بۇرژۇئا ھۆكۈمىتىنى ئاشكارا قوللاپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ھىمايە قىلىپ، سوتسىيال شوۋىنىزملىق ئەكسىيەتچىل قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىلىرى ئوڭ قانات كاتتىباشلىرىنىڭ باشقۇرۇشى بىلەن داۋاملىق ھالدا مونوپول بۇرژۇئازىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىش سياسىتىنى يولغا قويغان.