Uyghur主要词典
سورت
بىئولوگىيە
ئىنسانلار بەلگىلىك ئېكولوگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي شارائىتتا، ئېھتىيجىغا ئاساسەن تاللاپ ئۆستۈرگەن ئۆسۈملۈك ياكى باققان ھايۋانلارنىڭ بىر توپى. ئۇنىڭدا نىسپىي تۇراقلىققا ئىگە ئالاھىدە ئىرسىيەتچانلىق، بىئولوگىيە، ئىقتىساد ۋە مورفولوگىيە جەھەتتە نىسپىي بىردەكلىك بولىدۇ. بەلگىلىك رايون ۋە بەلگىلىك ئۆستۈرۈش ياكى ئوزۇقلاندۇرۇش شارائىتىدا، مەھسۇلات مىقدارى، سۈپىتى ۋە ماسلىشىشچانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. مەسىلەن: گۇاڭدۇڭ پاكار غوللۇق شال سورتى - 4، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى قاتارلىقلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
<بىئول> سۈنئىي ئۇسۇلدا تاللانغان ۋە يېتىشتۈرۈلگەن، بەلگىلىك ئىقتىسادىي قىممەت ۋە ئورتاق ئىرسىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان بىر تۈركۈم جانلىق ئورگانىزم (ئادەتتە ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر، مال - چارۋىلار ۋە ئۆي قۇشلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ).
مالنىڭ، مەھسۇلاتلارنىڭ قىممەت جەھەتتىكى تۈرى، خىلى.
پولاتنىڭ يېڭى سورتى.