Uyghur主要词典
سوراق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جاۋاب ياكى چۈشەنچە ئېلىش ئۈچۈن قويۇلغان مەسىلە.
سوئال جۈملە؛ سوئال گەپ. شەك - شۈبىھىسىزكى، سوئال _ ھەرقانداق پەننىڭ ئاچقۇچى. ئەخمەقنىڭ بىر سورىقىغا يۈز ئاقىل جاۋاب بىرەلمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سوت، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئەيىبلەنگۈچىدىن ئىشنىڭ تەپسىلاتى ۋە ئالاقىدار تەرەپلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان سوئال - جاۋاب.
سۆيسەڭ ياخشىنى سۆي، قىيامەتتە سوراق بار. تەرگىگەنگە ماقۇل، سەتلىگەنگە ياق. ھەقىقەت سوتتىن قورقمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سوئال.
ئۇنىڭ چىرايىدا سوراق ئالامىتى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
<قا> جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش ئورگانلىرى ياكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەق تەلەپ ئەنزىلىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلاردىن ۋە ياكى جىنايى ئىشلار ئەنزىلىرىدىكى دەۋاگەر ۋە جاۋابكارلاردىن سوئال سوراش ئارقىلىق ئەنزىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئېنىقلاش، سۈرۈشتۈرۈش جەريانى.