Uyghur主要词典
سويماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مال - ۋارانلارنى، ئۆي قۇشلىرىنى بۇغۇزىغا تىغ تارتىپ ئۆلتۈرمەك.
چۆجىنى سويغىلى ئاپارساڭ، قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ. قوي سويۇشتىن بوغۇزلاش يامان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بوغۇزغا تىغ ئۇرۇپ ئۆلتۈرمەك، بوغۇزلىماق.
قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن (ماقال).
سىرتقى پوستىنى ئاجراتماق.
پىياز سويماق.
قومۇرماق.
تونۇردىن نان سويماق.
كۆچمە. ئۈجۈر - بۇجۈرىگىچە ئۇقماق، مۇكەممەل بىلمەك.
- ئۇ خەنزۇچە دېگەننى سويىدۇ.