Uyghur主要词典
سويما
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قوغۇننىڭ بالدۇر پشىدىغان تۈرى.
چىلگە تەرسەڭ، چېنەپ تەر. سويماڭ نەچچە پۇل، ئۆزەمغۇ يېمەيمەن، نەۋرەمگە ئالغاچ كېتەي دېۋىدىم. ئوينىغۇچ ئوبدان نېمە يازلىقى بار، كۈزلۈكى يوق، يېڭى يار ئوبدان نېمە ئاغزىدا بار، كۆڭلىدە يوق. بىر پەلەكتە مىڭ خەمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يېڭىدىن چۈشكەن، پىشمىغان خام قوغۇن.
سويما ئالماق. سويما چۈشمەك.
كۆچمە. تېخى يېشىغا توشمىغان، بېشىدىن جىق ئىش ئۆتمىگەن، ھېچ ئىشنى بىلمەيدىغان كىچىك بالا.
بىز بۇ سويمىلارنى ئالداپ خۇمدانغا يېقىنلاشتۇردۇق - دە، قورالسىزلاندۇرۇپ ئەكەلدۇق.