Uyghur主要词典
سۆيمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىز - كالپۇكنى باشقا بىرىنىڭ ئاغزىغا، يۈزىگە، قولىغا ۋە باشقا يېرىگە تەگكۈزۈپ، يېقىنچىلىقنى بىلدۈرمەك.
سۆيگۈنىڭنى سۆيۈش نېسىب بولسۇن. سۆيگۈنۈمنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن، سۆيمىگەننى سۆيىمەن. بوۋاقنى ئۆپۈش ياخشى ئەمەس، سالامەتلىكىگە زىيانلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇھەببەت قويماق، ئىشىق چۈشمەك.
سۆيمىگەنگە سۈركەلمە، دۈشمەن سۆيگەننى سۆيمە. كۆز مىڭنى كۆرەر، كۆڭۈل بىرنى سۆيەر. ياراتمىغاننى ياقتۇرما. _ مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، _ دېدى يىگىت سەل تىتىرىگەن ئاۋازدا. _ مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن، _ دېدى قىز يەرگە قاراپ تۇرۇپ. بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قالما. ئاشىق بولدۇم ئۆزۈڭگە، قاشىڭ بىلەن كۆزۈڭگە، تەڭ تاپماستىن ئۆزۈمگە، ئەمدى يەتتىم مەقسەتكە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مۇھەببەت ياكى ھۆرمەتنى ئىزھار قىلىش يۈزىسىدىن لەۋنى بىرەر كىشىنىڭ يۈز، لەۋ، قول ياكى بىرەر يېرىگە تەگكۈزمەك.
يىگىت بىلەن قىز، ئەر بىلەن ئايال ئۆزئارا بىر - بىرىنى ياخشى كۆرمەك.
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق (ماقال).
كۆڭۈل كىمنى سۆيسە شۇ چىرايلىق (ماقال).
خۇش كۆرمەك، ياقتۇرماق، ياخشى كۆرمەك، قەدىرلىمەك.
مەن ھەقىقەتنى سۆيىمەن.