Uyghur主要词典
سۆيگۈ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭقۇر خاھىش، مەيل، ئىشتىياق.
<قولۇشتۇق> لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
<كۆيۈك> ئەر - ئايال ئارىسىدىكى <ئىشق - مۇھەببەت>.
ئىشقى يوق ئېشەك، دەردى يوق كېسەك. ئىشقى يوق ياردىن ئىسسىق ئوچاق ياخشى. مۇھەببەت چىراي تاللىماس. گۈزەللىك تويدا كېرەك، مۇھەببەت كۈندە. مۇھەببەت گۈزەل پەزىلەتنىڭ سىناق تېشى. سۆيگۈدە ئاچچىق ئىزا يوق. ۋەھىمە ئۇيقۇڭنى قاچۇرىدۇ، كۆيۈك رەڭگىڭنى سارغايتىدۇ. كۆيۈك ئوتى ئالدىدا دوزاخ ئوتى ئوچقۇنچە يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يىگىت بىلەن قىز ياكى ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر - بىرىگە قەلبىدىن بېرىلگەنلىك تۇيغۇسى؛ مېھر - مۇھەببەت، مۇھەببەت.
سۆيگۈ پۇلغا سېتىلماس، كۆڭۈل پۇلغا تېپىلماس (ماقال).
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
سۆيۈش ھېسسىياتى، ئاشىق، مۇھەببەت.