Uyghur主要词典
سىن گېرمان سۈلھ شەرتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخىتولۇق ئاتىلىشى <ئانتانتا دۆلەتلەر ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئاۋسترىيە بىلەن بولغان سۈلھ شەرتنامىسى>. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرغان ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيانىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇلۇشىنى شەكىللەندۈرگەن ۋېرسال ۋاشىنگتون سىستېمىلىرى سۈلھشەرتنامىلىرىنىڭ بىرى. 1919 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئۇرۇشتا يەڭگەن دۆلەتلەر ئۇرۇشتا يېڭىلگەن ئاۋسترىيە بىلەن پارىژنىڭ يېنىدىكى سىن. گېرمان سارىيىدا ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمونى: ئاۋسترىيە كراينا ۋە كارىنتىيە ئۆلكىلىرىنىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى ھەمدە گوستىنلەن ۋە جەنۇبىي تىرولنى ئىتالىيىگە بۆلۈپ بېرىش؛ بۇكوۋىنا رومىنىيىگە تەۋە بولۇش؛ چېخوسلوۋاكىيە، يۇگوسلاۋىيە ۋە ۋىنگرىيە قاتارلىقلارنىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش؛ ئاۋسترىيە ئومۇميۈزلۈك ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، پىدائىي ئەسكەرلەردىن تەركىپ تاپقان قوشۇننىڭ ئادەم سانىنى 30 مىڭ (ئوفىتسېر ۋە زاپاس قىسمىمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە)دىن ئاشۇرۋەتمەسلىك، ھەربىي پاراخوت، سۇ ئاستى كېمىلىرى ۋە سودا پاراخوتلىرىنى ئۇرۇشتا يەڭگەن دۆلەتلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش؛ خەلقئارالىق ئىتتىپاق مەمۇرىيەت مەھكىمىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپمۇ، ئاۋستىرىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشنى چەكلەشتىن ئىبارەت. خابسبۇرگ خاندانلىقى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان. ئامېرىكا پارلامېنتى بۇ سۈلھ شەرتنامىنى تەستىقلىماي، ئاۋسترىيە بىلەن 1921 - يىلى 8 - ئايدا ۋېنادا ئۆز ئالدىغا ئايرىم سۈلھ شەرتنامە تۈزگەن. جۇڭگو شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى ۋەكىل ئەۋەتىپ، شۇ سۈلھ شەرتنامىگە ئىمزا قويغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。