Uyghur主要词典
سىنگاپور
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئاسىيا
شىر شەھىرى
ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سىنگاپور ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 54 كىچىك ئارالدىن تەشكىل تاپقان ئارال دۆلەت. سىنگاپور تىنچ ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىلىقىدىكى مۇھىم سۇ قاتناش يولى بولغان مالاككا بوغۇزىنىڭ چىقىش ئاغزىغا جايلاشقان بولۇپ، ستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ. بۇ شەھەر 1200 مېتىر كەڭلىكتىكى جوخور بوغۇزى ئارقىلىق مالايا يېرىم ئارىلىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردە سىنگاپور ئارىلى بىلەن مالايا يېرىم ئارىلىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن بوغۇزغا توسما سېلىنىپ سىنگاپوردىن ماشىنا ياكى پويىز ئارقىلىق مالايشىيانىڭ باشقا جايلىرىغا بېرىش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى. سىنگاپورنىڭ يەر مەيدانى 616 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئېگىز تاغلىقلار يوق، ئايرىم جايلىرىدا پەس ئېدىرلىقلار بار. ئۇنىڭ ئىقلىمى تروپىك كۆپ يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24-℃27، ھۆل - يېغىن مىقدارى 2400 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. سىنگاپورنىڭ ئاھالىسى 2 مىليون 553 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، بۇنىڭ % 76نى خەنزۇلار، % 15نى مالايا مىللىتى، %7 نى ھىندىستان، پاكىستان، سىرىلانكىلىقلار،%2 نى باشقا مىللەتلەر ئىگىلەيدۇ. مالايا تىلى بىلەن ئىنگلىز تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ، خەنزۇ تىلى بىلەن تامىل تىلىمۇ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. سىنگاپور ئەسلى مالايا پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 1819 - يىلى ئەنگلىيە بېسىۋالغان، 1821 - يىلى رەسمىي ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ يىراق شەرقتىكى رايونلارغا تاجاۋۇز قىلىشتىكى مۇھىم ھەربىي بازىسى بولغان. 1942 - يىلدىن 1945 - يىلغىچە ياپونىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1959 - يىلى سىنگاپور ئاپتونوم ئىتتىپاقى بولۇپ قۇرۇلغان. 1963 - يىلى مالايشيا ئىتتىپاقىغا قاتناشقان، 1965 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مالايشىيا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىپ، سىنگاپور جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. سىنگاپورنىڭ يېرى ئاز، بايلىقى كەمچىل بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى ئاسىيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئۇ ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش سودىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلغان. ھازىر ئۇ ئالماشتۇرۇش سودىسى، پۇل - مۇئامىلە، دېڭىز قاتنىشىدىن سىرت، نېفىت ئايرىش، ئېلېكترون، كېمىسازلىق، پولات، نېفىت، خىمىيە، ماشىنىسازلىق، نازۇك ئەسۋاب قاتارلىق سانائەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇرەككەپ سانائەت سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇنىڭ نېفىت ئايرىش، نېفىت بۇرغىلاش ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. سىنگاپورنىڭ يېزا ئىگىلىك يېرى پۈتۈن يېرىنىڭ %17 نى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن كۆكتات ئۆستۈرۈلىدۇ، چوشقا، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. توخۇ گۆشى، تۇخۇم بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلەيدۇ. سىنگاپور خەلقئاردىكى مۇھىم پۇل - مۇئامىلە مەركەزلىرىنىڭ بىرى. سىنگاپورنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان، بۇ جايغا ھەر يىلى چەت ئەللەردىن ساياھەت ئۈچۈن كېلىدىغان كىشىلەر 990 مىڭدىن ئاشىدۇ.
سىنگاپورنىڭ تولۇق نامى <سىنگاپور جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان سىنگاپور ئارىلى ۋە ئەتراپتىكى 54كىچىك ئارالدىن تەشكىللەنگەن. دۆلەت نامى ھەم شەھەر نامى، ھەم ئارالنىڭ نامى بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەر خىل قاراش بار: بىرىنچى، سىنگاپورنىڭ ئەسلى مەنىسى <شىر شەھىرى>. 11 - ئەسىردىن 13 - ئەسىرگىچە سىنگاپور <دەنماسى> دەپ ئاتىلىدىغان بىر سودا مەركىزى ئىدى. دەنماسى دېگەنلىك مالايچە <دېڭىز شەھىرى> بولىدۇ. يەنە <كۆل>مەنىسى بار دېگەن قاراشلارمۇ بار؛ تېخى ياۋا تىلىدىن كەلگەن، مەنىسى <قەلەي> دېگەن قاراشمۇ بار. ئېيتىشلارغا ئاساسلانغاندا، سىنگاپوردىكى ئاساسى تاغ تىزمىسى ۋۇجى جىما تېغىدا ئۆتمۈشتە ئاز - تولا قەلەي ئېلىنىدىكەن، تېخى <دېڭىز سەپىرى خەرىتىسى> دە ۋۇجى جىما تېغىنى دەنماسى دەپ ئاتىغان؛ يەنە بىر خىل ئېيتىشتا <دېڭىز ئاغزى> ياكى <دېڭىز ئۈستى شەھىرى> دېيىلگەن بولۇپ، سىنگاپورنىڭ مالاككا بوغۇزىغا قاراپ تۇرىدىغانلىقىغا قارىتىلغان. سىنگاپورنىڭ قەدىمكى دەنماسى نامىدىن ھازىرقى نامغا ئۆزگىرىشى رىۋايەتتىن بولغان.<مالاي يىلنامىسى>دا خاتىرىلىنىشچە، 1150 - يىللىرى ئەتراپىدا، مومانتارادىكى سىلىفېرىس شاھلىقىنىڭ شاھزادىسى پەننا بۇ ئارالغا كېلىپ قاپقارا بىر ھايۋاننى كۆرۈپ قالغان، يەرلىكلەر ئۇنى شىر دەپ مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، شاھزادە بۇ يەرنى ياخشىلىق ماكانى دەپ قاراپ، شۇ يەرگە بىر شەھەر بەرپا قىلىشنى قارار قىلغان ۋە <سىنگاپوررا>، يەنى <شىر شەھىرى> دەپ ئاتىغان ئىكەن؛ كېيىن بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نامى قىلىنغان. لېكىن بەزىلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، شەرقىي، جەنۇبىي ئاسىيادا شىر يوق بولۇپ، بۇخىل قاراش ئىشەنچىسىز ئىكەن. ئىككىنچى، سىنگاپور سانسكرىت تىلىدىكى <شىر شەھىرى>نىڭ ئاھاڭ تەلەپپۇزى،چۈنكى يەرلىك خەلىقلەر ھىندى مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغاچقا، سانىسكرىت تىلىنى يەر نامى قىلىشنى ياقتۇرىدىكەن. شىر كۈچلۈك، مەزمۇت بولغاچقا، ئۇنى يەر نامى قىلىپ ، كىيىن دۆلەت نامى قىلغان. سىنگاپور ئەسلى مالاي روفۇر خانلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 1824 - يىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكە قىلىۋالغان، 1942 -، 1945 - يىللىرى ياپونىيە بېسىۋالغان، ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1963 - يىلى 9 - ئايدا ئۇ مالايسىيا، سابا ۋە سالورالار بىلەن بىرلىشىپ مالايسىيا فېدېراتسىيىسى بولۇپ قۇرۇلۇپ، 1965 - يىلى 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چېكىنىپ چىققان ۋە كېيىن <سىنگاپور جۇمھۇرىيىتى>نى قۇرغان.
سىنگاپورنىڭ يەر كۆلىمى 639 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 2 مىليون 820 مىڭ،خەنزۇلار %76نى، مالايلار %15نى ئىگىلەيدۇ. دۆلەت تىلى مالاي تىلى، ئىنگلىز تىلى بولسا كەڭ تۈردە قوللىنىلىدۇ. پايتەختى سىنگاپور. سىنگاپوردا208 دىن ئارتۇق مىللەت بار بولۇپ، كىچىك بىر دۆلەتتە شۇنچە كۆپ مىللەتنىڭ بولۇشى دۇنيادا ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ پۇل بىرلىكى سىنگاپور دوللىرى.
< شىر شەھىرى > - سىنگاپور گۈلباغدەك گۈزەل شەھەر دۆلىتى. سىنگاپور ئىلگىرى مالاييا جوھۇر پادىشاھلىق دۆلىتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، كېيىن ئەنگلىيىنىڭ مۇستەمىلىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. 1959 - يىلى ئاپتونومىيىلىك شىتاتىنى قۇرۇپ، ئىچكى ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان. 1963 - يىلى قوشنىسى مالاييا قاتارلىق جايلار بىلەن بىرلىشىپ مالايسىيا دەپ ئاتالغان. 1965 - يىلى ئۇنىڭدىن چېكىنىپ چىقىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان. ھازىر سىنگاپور < ئاسىيادىكى تۆت ئەجدىھا > نىڭ بىرى بولۇپ ، يېڭىدىن گۈللەنگەن سانائەت دۆلىتىگە ئايلانغان. سىنگاپورنىڭ دۆلەت بايرىقى ئۈستىدىن ئاستىغىچەقىزىل ۋە ئاق پاراللېل ئىككى ئۇزۇن چاستىن تەركىب تاپقان. قىزىل رەڭ ئارقىلىق دۇنيادىكى بارچە ئىنسان قېرىنداش، ھەممە كىشى تەڭ - باراۋەر دېگەن داۋلىنى ئىپادىلىگەن. ئاق رەڭ بولسا مەڭگۈ پاكلىق ۋە گۈزەل ئەخلاقىغا سىمىۋول قىلىنغان. ئاق ھىلال ئاي بىلەن بەش بۇرجەكلىك بەش يۇلتۇز سىنگاپورنىڭ ئاي ۋە يۇلتۇزدەك مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن. بەش ئاق بۇرجەكلىك بەش يۇلتۇز دېموكراتىيە، تىنىچلىق، تەرەققىيات، ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنى بىلدۈرگەن. بۇ نۇسخا سىنگاپورنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە - ئادالەت ھەرىكىتى پارتىپىسىنىڭمۇ پارتىيە گېربدۇر.
سىنگاپورنىڭ دۆلەت گېربى دۆلەت بايرىقىنىڭ نۇسخسى ئاساسىدا لايىھىلەنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى قىزىل قالقانسىمان گېربتۇر. ھىلال ئاينىڭ ئۈستىدە ئاق بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزلار ھالقىسىمان تىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش. گېربنىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن ھايۋانات ئۆرە تۇرغان، سول يېنىدىكى ئالتۇن رەڭلىك شىر < شىر شەھىرى > سىنگاپورنى، ئوڭ يېنىدىكى قارا بەلدەملىك ئالتۇن رەڭلىك يولۋاس مالاييانى بىلدۈرۈپ، سىنگاپورنىڭ مالاييا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. دۆلەت گېربنىڭ ئاستىدا ئالتۇن رەڭلىك پالما شېخى بولۇپ، كۆك بېزەككە ئىنگىلىزچە < ئالغا، سىنگاپور> دېگەن خەت يېزىلغان.
مەشھۇر شەھەرلەر
نەنخەي دېڭىزى بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىسىدا قاتناۋاتقان پاراخوتلار سىنگاپور پورتىغا كىرىشى بىلەنلا، ئاندېرسون كۆۋرۈكى يېنىدىكى شىر باشلىق، بېلىق تەنلىك ئېگىز ھەيكەلنىڭ دېڭىز ساھىلىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ، ئېغىزىدىن سۈزۈك سۇلار ئېتىلىپ چىقىپ تۇرغان بولۇپ، خۇددى سىنگاپورغا كەلگەن مېھمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ سىنگاپورنىڭ سىمۋولى قىلىنغان ساياھەت بەلگىسى بولۇپ،1972 - يىلى ياسالغان.
سانسكرىت تىلىدا سىنگاپور دېگەن سۆز «شىر شەھىرى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى1150 - يىلى سىرىۋىجايا پادىشاھلىقىنىڭ شاھزادىسى پەننا لەشكەر تارتىپ مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى نامسىز قاقاس ئارالغا كەلگەن، ئۇلار بۇ ئارالغا كېلىپ ئەڭ دەسلەپ ئۇچراتقىنى بىر ئەركەك شىر بولغان. كېيىن پەننا بۇ ئارالغا سېپىل ياسىتىپ، شەھەرنىڭ نامىنى «سىڭگا بۇلو» يەنى «شىر شەھىرى» دەپ ئاتىغان. كېيىن سۆزنىڭ ئوقۇلۇش ئاھاڭى بويىچە، بۇ شەھەر «سىنگاپور» دەپ ئاتالغان.
ھازىر شەھەرنىڭ، ئارالنىڭ شۇنداقلا سىنگاپور جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامى سىنگاپور دېگەن نام بىلەن ئاتالماقتا. پورت شەھىرى سىنگاپور سىنگاپور جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولۇپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي ئارىلى بولغان سىنگاپورنىڭ جەنۇبىدا. پورت رايونىنىڭ كۆلىمى93 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، سۇ يولىدا يىل بويى ناھايىتى چوڭقۇر سۇ ئورنى ھالىتى ساقلىنىدۇ، ئۇ ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئىنتايىن ياخشى بىر ئەركىن پورتتۇر، شۇنداقلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ پورت ھېسابلىنىدۇ. شەھەر مەركىزىي رايونى پورت رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىغا، سىنگاپور دەرياسىنىڭ جەنۇب، شىمال ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان. ئۇ مەمۇرىي ئورگان تۇرۇشلۇق ئورۇن، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئاساسلىق سودا - سېتىق، پۇل مۇئامىلە، ئالاقە - ئۇچۇر، سۇ قاتناش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئورگانلارمۇ مۇشۇ يەرگە مەركەزلەشكەن.
سىنگاپورنىڭ ئېكۋاتور بىلەن بولغان ئارىلىقى137 كىلومېتىرلا كېلىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى دېڭىز - ئوكيان ئوراپ تۇرىدۇ. شۇڭا يىل بويى ياز بولىدۇ، ئىقلىمى قاتتىق ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ، بىراق دېڭىز شامىلى ھاۋانى تەڭشەپ تۇرغاچقا، كىشىلەر دىمىق ئىسسىق ھېس قىلمايدۇ. سىنگاپوردا داڭلىق تاغ ۋە دەريالار يوق، مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەرمۇ يوق، بىراق سىنگاپور كىشىگە يېقىملىق ئىقلىمى، ئەلا سۈپەتلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئەتراپلىق مۇلازىمىتى بىلەن «باغچە شەھىرى» دېگەن نامغا ئېرىشىپ، دۇنيانىڭ مەشھۇر ساياھەت مەركىزىگە ئايلانغان.
سىنگاپوردا يەرلىك مىللەت يوق، ھازىرقى ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەن. ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى جۇڭگولۇقلار ئىگىلەيدۇ، جۇڭگولۇقلاردىن باشقا يەنە مالايلار، ھىندىلار، پاكىستانلىقلار، ئەنگلىيىلىكلەر ۋە ياپونىيىلىكلەر بار.