Uyghur主要词典
سىناپس كومپلېكىس تەنچىسى
بىئولوگىيە
سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنىڭ توم يىپلىق مەزگىلىنى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا كۆزەتكىلى بولىدىغان ئىككى ۋالىنتلىق خروموسومىنىڭ مەركىزىي قىسمىدىكى ئۇزۇن بىر تال ئىككىلەمچى مىكروسكوپىك تۈزۈلۈش، يەنى سناپس كومپلېكس تەنچىسىدۇر. ئۇ ئىككى تال يان تەنچە، بىر تال مەركىزىي تەنچە ھەمدە بىر قانچىلىغان توغرىسىغا كەتكەن يىپچىلاردىن تۈزۈلىدۇ. مۇھىم تەركىبى ئىشقارلىق ئاقسىل ۋە ئاز مىقداردىكى DNA دىن ئىبارەت. ھازىر ئومۇمەن سىناپس كومپلېكس تەنچىسىنىڭ پەيدا بولۇشى، ئوخشاش مەنبەلىك خروموسومىلارنىڭ توغرا جۈپ تۈزۈشى ھەمد ئىرسىيەت ماددىسىنىڭ ئالمىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ دەپ قارالماقتا.