Uyghur主要词典
سىن
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
چىراي، شەكىل، تۈس، قىزىئونومىيە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مېيىت كۆمۈلىدىغان ئۆرەك.
«ئاگاي» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
خەقنىڭ گۆرىگە خەق كىرمەيدۇ. ئىچى تارنىڭ گۆرى تار، قەبرە تېشىمغا شائىر دېگەن سۆزنى يېزىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلمايمەن. قەبرەڭدىن توڭگۇز قويسۇن قەرزدارنىڭ قەبرىسى يوق. ياماننىڭ يەرلىكى تار. ئۈستىنى گۈل قاپلاپ، ياشناپ تۇرمىسا گۆر، لەھەت ئىچرە قۇرۇپ ياتقان گۈلنى كۆر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە نەرسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى.
<جوسۇن> لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ھۈنەرنى بىر كىشىدىن ئۆگەن، ئىسكەتنى مىڭ كىشىدىن. تاۋاقنىڭ سىرى كەتسىمۇ سىنى كەتمەس. بېخىل خۇش بولسىمۇ، سىياقى ئۆزگەرمەس. قىياپىتى ئادەم، قىلىقى ھايۋان. جوسۇنى زەپ كېلىشكەن سىكىلەك ئىكەنا. فىگۇرا چىقىرىپ ئويناش ئۇستىسى ھەممىنى ھەيران قىلدى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سىن، بوي - تۇرۇق.
« بوزلۇغ سىنلىغ كىشى _ بويى ئۇزۇن كىشى» دېگەن سۆز مۇشۇنىڭدىن ئېلىنغان. گورمۇ « سىن» دېيىلىدۇ. چۈنكى گورنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەمنىڭ بويى بىلەن تەڭ بولىدۇ.
3 - 189
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
گور.
قاتۇن سىنى _ قاتۇن سىنى. چىن بىلەن تاڭغۇت ئوتتۇرىسىدىكى بىر شەھەرنىڭ ئېتى.
3 - 189
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
سەن (ئالماش)
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تەن، مەۋجۇتلۇق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۆلچەم بىرلىكى (تۈرى)
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بۇزماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قىياپەت، تۇرۇق، كۆرۈنۈش، شەكىل؛ چىراي.
سىنى ئۇزۇن.
ئېشەكچى؟! تۇرۇقۇڭدىن ئېشەك ھەيدىگەن سىن چىقمايدۇ، قېنى سۆزلە، قانداق ئىشىڭ بار؟
نەزەر، كۆزىتىش.