Chinese→Uyghur主要词典
斯坦因改革
دۇنيا تارىخى
ستېيىن ئىسلاھاتى
پروسسىيە باش ۋەزىرى ستېيىن ئېلىپ بارغان بۇرژۇئا لىبېرالىستىك ئىسلاھاتى. 1807 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى <يەر ئىگىلەشنىڭ شەرت چەكلىمىسىنى كەڭ قويۇۋېتىش ۋە يەر مۈلكىنى ئەركىن ئىشلىتىش ھەمدە يېزا ئاھالىسىنىڭ جىسمانىي مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى پەرمان> (تارىختا <ئۆكتەبر پەرمانى> دەپ ئاتالغان)نى چىقىرىپ، دېھقانلارغا جىسمانىي ئەركىنلىك ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى بېرىپ، يانچىلارنىڭ جىسمانىي بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى بىكار قىلىنغان. 1808 - يىل 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى <پرۇسسىيە پادىشاھلىقىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ نىزامى> تۈزۈلۈپ، ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ سايلام ھوقۇقى بەلگىلەنگەن. شۇيىلى يەنە <دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى ياخشىلاش نىزامى> يولغا قويۇلۇپ، مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ ئالىي مەمۇرىي رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقى بەلگىلەنگەن ھەمدە ھەرخىل مەخسۇس باشقۇرۇش تارماقلىرى تەسىس قىلىنىپ، دۆلەت ئىشلىرى بىر تەرەپ قىلىنغان، كېيىن يەنە ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، پرۇسسىيە ئارمىيسى قايتىدىن تەشكىللەنگەن. بۇ ئىسلاھاتلار پرۇسسىيەنىڭ بيۇرۇكراتلىق تۈزۈمى ۋە يونكېر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئىمتىيازلىق ئورنىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ، پرۇسسىيىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مۇئەييەن ئىلگىرى سۈرۈش تەسىرىنى كۆرسەتكەن. ئەمما ئۇزۇنغا قالماي، ستېيىن يونكىر پومېشچىكلارنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە ناپولېئوننىڭ بېسىمى ئاستىدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئىسلاھات ئۈزۈلۈپ قالغان.