Chinese→Uyghur主要词典
斯坦因
دىن
sī tǎn yīn
ستېين
دۇنيا تارىخى
ستەيىن
(1) ھېنرىخ ستەيىن (1757 - 1831).پرۇسسىيە باش ۋەزىرى (1807 - 1808). ياش ۋاقتىدا ۋىستىفالىتىدە خىزمەت قىلىپ، بۇ جايدا سودا - سانائەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1804 - يىلى پرۇسسىيەنىڭ سودا قوشۇمچە مالىيە ۋەزىرى بولۇپ، ئېشىپ بارىدىغان دارامەت بېجىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئارقىلىق مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، يۇنكېر ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشى تۇرىشىغا ئۇچراپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1807 - يىلى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىنىپ، بىرقاتار بۇرژۇئا لىبرالىزملىق ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بارغان. 8071 - يىلى <ئۆكتەبر يارلىقى>نى ئېلان قىلىپ،يانچىلارنىڭ جىسمانىي بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىپ، يۇنكېر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان. 1808 - يىلى ھەربىي ئىسلاھاتنى قوللاپ، پرۇسسىيە ئارمىيىسىنى قايتىدىن قۇرغانلىقىنى ئۈچۈن، ناپولىئون ئۇنىڭغا <توپىلاڭ قىلىشقا قۇتراتقان> دېگەن جىنايەتنى ئارتىپ، ۋەزىپىسىدىن مەجبورىي ئېلىپتاشلاتقۇزغان ۋە تۇتۇش ھەققىدە ئومۇمىي بويرۇق چىقارغان. ئۇ دەسلىپىدە ئاۋسترىيىدە پاناھلانغان، كېيىن روسىيىگە بېرىپ، چارپادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان (1812 - 1815). روسىيىدە تۇرغان مەزگىلدە، ۋەتەن ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان <گېرمانىيە كومېتىتى> ۋە <گېرمانىيە جۈنتۈەنى>نى تەشكىللىگەن ھەمدە 1813 - يىلقى پرۇسسىيە - روسىيە ئىتتىپاقىنى ۋوجۇدقا چىقارغان. روسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ۋېنا يىغىنىغا قاتناشقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1819 - يىلى گېرمانىيە قەدىمكى تارىخ ئىلمىي جەمئىيىتىنى قۇرغان ھەمدە <گېرمانىيە قەدىمكى تارىخى ماتېرىياللار توپلىمى>نى تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1826، 1828 - ۋە 1830 - 1831 - يىللىرى ئۈچ قېتىم ۋىستىفالىيە ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. (2) مارك ستەيىن (1862 - 1943) ئەنگىلىيىلىك. ئەسلى يۇرتى ۋېنگرىيە. ئەنگىلىيە ۋە گېرمانىيىلەردەشەرقشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، 1882 - يىلى لاھوردىكى شەرق مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1899 - يىلدىن باشلاپئەنگىلىيىنىڭ ھىندىستان مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، 1900 - 1916 - يىللاردا جۇڭگونىڭ شىنجاڭ، گەنسۇ قاتارلىق جايلىرىغا ئىچكىرلەپ كىرىپ، ئۆلچەش ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئېلىپ كېتىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان. گەنسۇ دۇنخۇاڭدىكى مىڭئۆيدىن تاش غارلاردا مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت قەدىرلەپ ساقلانغان نۇرغۇنلىغان قوليازمىلار، قەدىمكى يازمىلار، بۇددا دىنىنىڭ سىزما رەسىملىرى، ئويما رەسىملىرى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەتكەن. ئۇلار ھازىر ئەنگىلىيەنىڭ لوندون برىتانىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا. كېيىن يەنە ھىندىستان، ئافغانىستانلاردا كۆپ قېتىم ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. <قەدىمكى خوتەن>، <سىرىسىيە>، <ئاسىيانىڭ ئىچكى رايونلىرى>، <ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى يولدا> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. (3) گېرترۇد ستەيىن (1874 - 1946). ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى. پېنسلۋانىيە شتاتىدىكى گېرمانىيىلىك يەھۇدىي كۆچمەننىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ۋېنا، پارىژ، ئوكلاند، كالىفورنىيە قاتارلىق جايلاردا تۇرغان. 1897 - 1901 - يىللىرى يوھاننىس خوپكىنىس مېدىتسىنا شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. 1903 - يىلدىن باشلاپ، پارىژدا ئۇزاق ۋاقىت تۇرغان.ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن <ئىلىس توكلاسنىڭ تەرجىمىھالى>، <ئۈچ كىشلىك تۇرمۇش>، <ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى> قاتارلىقلار ۋە شېئىرلار توپلىمى، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە ئوبزور ماقالىلىرى بار. ئىجادىيەت ئىدىيىسىۋىللىيام يامىس ۋە بېرگسونلارنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر چوڭقۇر ئۇچرىغان. قىسمەن ئەسەرلىرىدە ئابستراكىتچىلار ۋە ستروچىلارنىڭ پۇرىقى بار