Uyghur主要词典
سىيرىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قول بىلەن قاماللاپ، سىقىپ تۇتۇپ، قولنى تۆۋەنگە ئاستا - ئاستا ماڭدۇرۇش ئارقىلىق ئىچى ياكى تېشىدىكى نەرسىلەرنى تۆۋەنگە چۈشۈرمەك ياكى بىر يەرگە يىغماق (ئىنچىكە، ئۇزۇن نەرسىلەر ھەققىدە).
شۇڭا ئۇ ئاستىلا باغقا كىردى - دە، جىگدە غازاڭلىرىنى سىيرىپ چىقىپ قويلارغا تۆكۈپ بەردى.
تىرناق ياك بارماقنى چىڭ بېسىپ ماڭدۇرۇپ ئىز چىقارماق، جىجىماق.
- غولۇمنى سىيرىپ تۇتۇپ قويغىنا، - دېدى ئۇ دۈم يېتىپ.
كۆچمە. ھېچنېمىسىنى قالدۇرماي، قۇپقۇرۇق قىلىپ قويماق؛ بارلىق ئوقەت، بايلىقلىرىدىن ئايرىپ قويماق.
ئۇ بالا ھەقىقەتتە ئوسال بالا بولۇپ قالدى، بىچارە دادىسىنىڭ ئوقەتلىرىنى سىيرىۋەتتى، دەڭا.