Uyghur主要词典
سىيكېس پىكوت كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاسىيا قىسمىنى بۆلۈشۈۋېلىش توغرىسىدا ئىمزالىغان كېلىشىم. 1915 - يىلى 11 - ئايدىن ئىتىبارەن ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى مارك سىيكېس بىلەن فرانسىيىنىڭ بېيرۇتتاتۇرۇشلۇق باش كونسۇلى پىكوت مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. ئىككىنچى يىلى 2 - ئايدا، لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. روسىيە ھۆكۈمىتى پرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلغاندىن كېيىن، 1916 - يىل 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ۋە 16 - كۈنلىرى لوندوندا رەسمىي ئىمزالانغان. ئاساسىي مەزمونى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: (1) ئەرمەنىستاننىڭ ئەرزۇرۇم، ترېبزون، ۋان كۆلى ۋە بىتلىس رايونى ھەم كۇردىستاننىڭ بىر قىسمىنى روسىيىگە ئايرىپ بېرىش. (2) <كۆك رايون> (جۈملىدىن لىۋان، سۈرىيىنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى، ئادام، چىلىچىيە ھەم گازىئانېتىپ، ئۇرفا، ماردىن، دىياربەكىر قاتارلىق جايلار)نى فرانسىينىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىش. (3) <قىزىل رايون> (جۈملىدىن مېسوپوتامىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە پەلەستىننىڭ خايفا، ئاك پورتلىرىنى) ئەنگلىيەنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىغا ئايرىپ بېرىش. (4) <ئا رايون> (جۈملىدىن سۈرىيىنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى ۋە موسۇل ئۆلكىسى)نى فرانسىيىنىڭ تەسىر دائىرىسى قىلىپ ئايرىش. (5) <ب رايون> (جۈملىدىن كىركۇكتىن ئاكاباغىچەۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىن پارىس قولتۇقىغىچە بولغان رايونلار)نى ئەنگىلىيەنىڭ تەسىر دائىرىسى قىلىپ ئايرىش. (6) ئالېكساندرېتتا (يەنى ئىسكەندىرۇن)نى ئەركىن پورت قىلىپ بەلگىلەش. (7) قوڭۇر رايون (جۈملىدىن پەلەستىن)نى خەلقئارا ئورتاق باشقۇرۇش؛ ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت. كېيىن ئەرەب خەلقىنىڭ قارشى تۇرغانلىقى ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشكەنلىكى تۈپەيلىدىن بۇ كېلىشىم ئەمەلگە ئاشمىغان.