Chinese→Uyghur主要词典
斯洛伐克学会
دۇنيا تارىخى
سلوۋاك ئىلمىي جەمئىيىتى
سلوۋاكلار 1862 - يىلى قۇرغان مىللىي مەدەنىيەت تەشكىلاتى. ئۇنىڭ مەقسىتى سلوۋاكلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ھوقۇقىنى قوغداپ، ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ شوۋېنىزملىق مىللىي ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. 1867 - يىلى سلوۋاكىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. 1919 - يىلى چېخسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پائالىيىتىنى بىر مەزگىل ئەسلىگە كەلتۈرگەن.