Chinese→Uyghur主要词典
斯洛供应伐克民族起义
دۇنيا تارىخى
سلوۋاكلارنىڭ مىللىي قوزغىلىڭى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى سلوۋاك خەلقىنىڭ كوممۇنىستلارنىڭ رەھبەرلىكىدە 1944 - يىلى 8 - ئايدا كۆتۈرگەن گېرمانىيە فاشىست ئىشغالىيەتچىلىرىگەقارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. بۇ قوزغىلاڭ سلوۋاكىيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى قاپلىغان. 10 -ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچى بىلەن ئازاد رايونلارنى ئىشغال قىلغان، قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۆپ قىسمى تاغلىق رايونلارغا چېكىنىشكە مەجبور بولۇپ، كۈرەشنى تاكى چېخوسلوۋاكىيە ئازاد بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرغان.