Chinese→Uyghur主要词典
斯德哥尔摩血案
دۇنيا تارىخى
ستوكھولم قانلىق دېلوسى
دانىيە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ شۋىتسىيە خەلقىنى بىرقېتىم چوڭ قىرغىن قىلىشى. دانىيە كورۇلى كرىستىئان Ⅱ (1481 - 1559) شۋېتسىيىگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان، 1520 - يىلى ستوكھولمنى ئىشغال قىلغان. شۇ يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تاج كىيىپ شۋىتسىيە كورۇلى بولغان.11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ، ئۇ دانىيەپەرەس ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دانىيىگە قارشى تۇرغان ئىككى نەپەرئېپىسكوپنى، سىياسىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ بىرقانچە نەپەر ئەزاسىنى ۋە ئاقسۆڭەكلەر، شەھەر ئاھالىسى قاتارلىق جەمئىي 82 نەپەر كىشىنى ئۆلتۈرگەن. بۇ قانلىق قىلمىش شۋىتسىيە خەلقنىڭ دانىيىگە قارشى مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا تۈرتكە بولغان. گوستاۋ ۋاسا رەھبەرلىك قىلغان قوزغىلاڭنىڭ زەربىسى ئاستىدا، كرىستىئان ئاخىرى 1523 - يىلى شۋېتسىيىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.