Chinese→Uyghur主要词典
斯德哥尔摩
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ستوكھولم
شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى. بۇ شەھەر بالتىق دېڭىز قىرغىقىدىكى مېلارىن كۆلىنىڭ دېڭىزغا چىقىش ئاغزىغا جايلاشقان 14 چوڭ - كىچىك ئارال ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت. شەھەر جايلاشقان ئاراللار سۇ يوللىرى ئارقىلىق بىر - بىرىگە باغلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئاراللارنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان 70 دىن ئوشۇق كۆۋرۈك بار. شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 1425 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليون 360 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). ستوكگولم قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى، بۇ شەھەر مىلادىيە 1250 - يىلى بارلىققا كەلگەن، 14 -، 15 - ئەسىرلەردە تېز كېڭەيگەن، 16 - ئەسىرگە كەلگەندە ئاھالىسى 50 مىڭغا يەتكەن. 1636 - يىلىغا كەلگەندە پايتەخت بولۇپ بېكىتىلگەن. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى بۇ جايدا تۆمۈر يول سېلىنغاندىن كېيىن شەھەر ئاھالىسى 200 مىڭدىن ئاشقان. 20 - ئەسىردىن باشلاپ شەھەرنىڭ سانائەت، قاتناش - ترانسپورت، مەدەنىي - مائارىپ ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ شەكىللەنگەن. ھازىر ئۇ شىمالىي ياۋروپادىكى تەرەققىي قىلغان زامانىۋى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ جايدا پولات - تۆمۈر، ئېلېكتر، كېمىسازلىق، پاراۋوز، خىمىيە، نېفىت ئايرىش، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. شەھەردە يەنە دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى، ئاتاقلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقات ئورنى، ھەرخىل مۇزېيلار، ھەشەمەتلىك چېركاۋلار بار. ئاتاقلىق نوبېل مۇكاپاتى (ئەدەبىيەت، مېدىتسىنا، فىزىكا، خىمىيە، ئىقتىسادىي پەنلەر مۇكاپاتى) مۇشۇ ئورۇندا تارقىتىلىدۇ. ستوكگولم مۇھىم خەلقئارا پائالىيەت شەھىرى بولۇپ، بۇ جايدا مۇھىم خەلقئارا يىغىنلار ئۆتكۈزۈلىدۇ. شەھەرنىڭ قاتناش ترانسىپورتى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە ھەر ئۈچ كىشىگە بىردىن ماشىنا توغرا كېلىدۇ. شەھەردە زامانىۋى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار، ئېگىز جاھازلانغان يوللار بار بولۇشتىن سىرت، 1950 - يىلىدىن بۇيان سېلىنغان 76.1 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى 10 لىنىيىلىك يەر ئاستى تۆمۈر يوللىرى بار.
ئۇنىۋېرسال
sī dé gē ěr mó
ستوكگولم
Dدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
sī dé gē ěr mó
ستوكخولم