Uyghur主要词典
شىخەنزە شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى
领域: شىنجاڭ مائارىپىمائارىپ ئاپپاراتلىرى
1981 - يىلى 12 - ئايدا دېھقانچىلىق 8 - دىۋىزىيىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، دېھقانچىلىق 8 - دىۋىزىيە بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى مائارىپ تارمىقى، شىخەنزە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلغان بولۇپ، مائارىپ مەمۇرىي تۈزۈلمىسىدە ئىزچىل ھالدا بىر ئاپپارات، ئىككى خىل ۋىۋىسكا قوللىنىلغان. يەنى بىڭتۈەن 8 - دىۋىزىيە مائارىپ باشقارمىسى، شىخەنزە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىبارەت. 1998 - يىلى 3 - ئايدا يېزا ئىگىلىك 8 - دىۋىزىيە مائارىپ كومىتېتى، شىخەنزە شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ھازىر كومىتېت ئىشخانىسى، ئاساسىي مائارىپ بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپ بۆلۈمى، سىياسىي مائارىپ بۆلۈمى، مالىيە بۆلۈمى قاتارلىق مەمۇرىي ئاپپاراتلار تەسىس قىلىنغان. كەسپىي ئورۇنلاردىن مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسى، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ قۇرۇش ئشىخانىسى، ئوقۇتۇش سايمانلىرى پونكىتى، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ سارىيى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى ئىشخانىسى، ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر ئىشخانىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. مەمۇرىي، كەسپىي خىزمەتچىلەر سانى 60 نەپەر.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。