Uyghur主要词典
شىداۋتاڭ سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى مەزھىپى بولۇپ، بۇنى 1903 - يىلى ماچىشى (1856 - 1914) گەنسۇدىكى لىڭتەندە قۇرغان. 1909 - يىلى ئىسمى <شىداۋتاڭ سۈلۈكى> دەپ رەسمىي بېكىتىلگەن. ئىمام (خانىقادا ئالىي ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئادەم) داۋتاڭ (خانىغا) نامىدا جامائەتتىن مەبلەغ يىغىپ، شىنجاڭ، شىزاڭ، سىچۈەن ۋە بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، خەنكۇ قاتارلىق جايلاردا دۇكان ئېچىپ سودا قىلغان. ئۇلار ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇشقا سەل قاراپ، دىنىي بايراملارغا (جۈملىدىن ئىمام ماچىشىنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان كۈنى قاتارلىقلارغا) ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلاردا جەھرىيە ۋە قەدىم مەزھىپىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تەڭ مەۋجۇت. نەقىشبەندىيە پىرقىسى بىلەن مەنبە جەھەتتە مۇناسىۋىتى بار. بۇلارنىڭ ئىمامى ئۆمۈرلۈك بولۇپ، سۈلۈكنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ؛ ئىماملىق ئەۋلادقا مىراس قالمايدۇ. بىر - بىرىگە بېقىنمايدىغان جامائە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مەسچىتلەرنىڭ مۇددەرىس ئاخۇنلىرىنى ئىمام تاللايدۇ. ئۇلار سۈلۈك ئىستىقامىتىگە سەل قارىغانلىقتىن، بەزىلەر ئۇلارنى سۈلۈك ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئادەملىرى ئاساسلىقى گەنسۇدىكى لىڭتەنگە توپلانغان. چىڭخەي، شىنجاڭ ۋە گەنسۇنىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ بار.